باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ راۋان ئۇچۇرلۇق يىپەك يولى قۇرۇشنى تەكىتلىدى

2015.10.23 12:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن لوندوندا خەلقئارا كۆچمە سۈنئىي ھەمراھ شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئەنگلىيە يورك كىنەزى شاھزادە ئاندىرېۋ شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولدى. شى جىنپىڭ خەلقئارا كۆچمە سۈنئىي ھەمراھ شىركىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلاشقان كۆرگەزمە سۇپىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئەسلىھەلىرىنى كۆردى ھەم بۇ شىركەتنىڭ تارىخىنى ئىگىلىدى، ئۇ يەنە تور تىجارەت مەركىزىدە خەلقئارا قاتناش سۈنئىي ھەمراھىنى يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن خەلقئارا كۆچمە سۈنئىي ھەمراھ شىركىتىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسى ياخشى، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھەمكارلىق ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش شارائىتى ۋە مۇھىتىنى بەرپا قىلىش-بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا خەۋەرلىشىش ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، راۋان ئۇچۇرلۇق يىپەك يولى قۇرۇشنى خالايدۇ. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن خەلقئارا كۆچمە سۈنئىي ھەمراھ شىركىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېڭى يارقىن نۇقتا قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز بۈگۈن بۇ يەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلىدۇق، مېنىڭچە، بۇ-جۇڭگو-ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى مۇھىم ھەمكارلىق تۈرى، مەنمۇ بۇنداق ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى قوللايمەن. باش ئورگىنى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا كۆچمە سۈنئىي ھەمراھ شىركىتى-دېڭىزچىلىق سۈنئىي ھەمراھىدىن پايدىلىنىپ، يەر شارى خەۋەرلىشىشى ۋە ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى قىلىدىغان بىر خەلقئارالىق شېرىكلەشكەن پاي شىركىتى. ئۇنىڭ ئەسلى خەلقئارا دېڭىزچىلىق سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتى بولۇپ، جۇڭگو بۇ تەشكىلاتنى تەشەببۇس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر