باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز(2)

2015.10.20 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرىنچى مەسىلە: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا موھتاج

  ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىگە نېمە ئۈچۈن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز؟ بۇ مەسىلىگە ئالدى بىلەن دۆلىتىمىز ۋە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قاراش كېرەك. مەن ئىلگىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى دېگەنىدىم. بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشانغا يېتىشتە تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولدۇق. ۋاھالەنكى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەدەنىيەت مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم كۈچ. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر بىر قېتىملىق سەكرەپ ئىلگىرىلىشى، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ھەر بىر قېتىملىق يۈكسىلىشىگە مەدەنىيەتنىڭ تارىخىي ئىلگىرىلىشى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە، يېقىنقى زامانغىچە جۇڭگو ئىزچىل دۇنيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ باقمىدى، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتكە دۇچ كەلدى. لېكىن بىز بەرداشلىق بەردۇق، قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ ھازىرغا كەلدۇق. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، نەچچە ئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە، مەزمۇنى مول ھەم چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىنىمسىز ئىلگىرىلىشىنى كۈچلۈك مەنىۋى تايانچقا ئىگە قىلدى.

  گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ جاسپېرس ‹‹تارىخنىڭ باشلىنىشى ۋە نىشانى›› ناملىق كىتابىدا: مىلادىدىن بۇرۇنقى 800 – يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 200 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ‹‹مەركىزىي دەۋرى›› بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ۋە روھىدا زور بۆسۈش بولغان مەزگىلدۇر، ئەينى چاغدا قەدىمكى يۇنان، قەدىمكى جۇڭگو، قەدىمكى ھىندىستان قاتارلىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلار مەيدانغا كەلگەن، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيە، پىرىنسىپلار ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا ئىنسانلار تۇرمۇشىغا ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە، دېيىلگەن. بۇ سۆزگە چوڭقۇر مەنە يۈكلەنگەن بولۇپ، چوڭقۇر كۆزىتىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە دۇنيادا تېگىشلىك ئورۇن ۋە تەسىرگە ئىگە بولالىشى ئۇرۇش ۋە كېڭەيمىچىلىككە ئەمەس، بەلكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە تايانغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەجدادلىرىمىز ‹‹يىراقتىكى ئەللەر قايىل بولمىسا، مەدەنىيەت، ئەخلاق ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈش كېرەك››، دېگەن قائىدىنى بالدۇرلا تونۇپ يەتكەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەبىئىي تالانتى، ئالاھىدىلىكى ۋە روھىنى شەرھلەپ، باشقىلارنى ئەخلاق ئارقىلىق قايىل قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر تەرەپ ھېسابلىنىدۇ.

  تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى دەلىللىدىكى، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئورتاق ياراتقان. مەن ھەر بىر جايغا زىيارەتكە بارغىنىمدا، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلق ياراتقان مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئەڭ ھۇزۇرلىنىمەن. دۇنيادا مەدەنىيەت گۆھەرلىرى ناھايىتى كۆپ، مەن بۇ يەردە بىر نەچچە دۆلەت ۋە بىر نەچچە مىللەتنى مىسالغا ئالاي: قەدىمكى يۇناندا ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن رىۋايەت، ماقال – تەمسىللەر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەيكەلتىراشلىق، مىمارچىلىق سەنئىتى بارلىققا كەلگەن. ئىسكىلوس، سۇفۇكلېس، ئېۋرىپىدېس، ئارستوفانلارنىڭ تېراگىدىيە ۋە كومېدىيەلىرى يۇنان سەنئىتىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەردۇر. رۇسىيەدىن پۇشكىن، گوگول، لېرمونتوۋ، تۇرگېنېۋ، دوستويېۋىسكى، نېكراسوۋ، تولىستوي، چېخوۋ، گوركىي، شولوخوۋ، چايكوۋىسكى، رىمسكى كورساكوۋ، راخماننوۋ، رېپىن قاتارلىق ئۇستازلار چىققان. فىرانسىيەدىن رابېلى، لافونتان، مولىيېر، سىتېندال، بالزاك، گيۇگو، چوڭ دۇماس، كىچىك دۇماس، مۇپاسسان، رومىن روللان، سارتر، كامۇس، مىللېر، مانىت، دېگا، سېزان، مونناي، رودېن، بېرليوز، بىزېت، دېبىسى قاتارلىق ئۇستازلار چىققان. ئەنگلىيەدىن چاۋسېر، مىلتون، بىرون، شېلېي، زىر، دىكېنس، خاردى، بېرناردشاۋ، تۇرنېر قاتارلىق ئۇستازلار، گېرمانىيەدىن لېسىنگ، گيوتې، شېللېر، ھېنرىخ ھېينى، باخ، بېتخوۋېن، شۇمان، ۋاگنېر، برامىس قاتارلىق ئۇستازلار، ئامېرىكىدىن خاۋتورىن، لاڭفېللوۋ، ستوۋې خانىم، ۋىتمان، مارك تۋېن، درېسېر، جېك لوندون، ھېمىڭۋاي قاتارلىق ئۇستازلار چىققان. يېقىندا مەن ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدۇم، ھىندىستان خەلقىمۇ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىدە قالتىس ھاياتىي كۈچكە ئىگە خەلق ئىكەن، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000 – يىلنىڭ ئالدى – كەينىدە ‹‹مەدھىيە ۋىدە››، ‹‹ئاسارۋا ۋىدە››، ‹‹ساما ۋىدە››، ‹‹ياجۇر ۋىدە›› دېگەن تۆت توپلام بارلىققا كەلگەن ئىكەن. فاشيەن، شۇەنزاڭلار نوم ئالغىلى بارغاندا، ھىندىستاننىڭ شېئرىيەت، ئۇسسۇل، رەسساملىق، دىنىي بىناكارلىق ۋە ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. تاگور دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان ئەدىبلەرنىڭ بىرى. دۆلىتىمىزدىن بۇنداق ئۇستازلار تېخىمۇ كۆپ چىققان، تارىختا لاۋزى، كۇڭزى، جۇاڭزى، مېڭزى، چۈ يۈەن، ۋاڭ شىجى، لى بەي، دۇ فۇ، سۇ شى، شىن چىجى، گۇەن خەنچىڭ، ساۋ شۆچىن، لۇ شۈن، گو مورو، ماۋ دۈن، با جىن، لاۋ شې، ساۋ يۈ، نيې ئېر، شيەن شىڭخەي، مېي لەنفاڭ، چى بەيشى، شۈ بېيخۇڭلاردەك مەشھۇر زاتلار ئۆتكەن. نەزمىنامە، چۇ نەزمىلىرىدىن خەن نەزمىلىرى، تاڭ شېئىرلىرى، سۇڭ نەزمىلىرى، يۈەن نەغمىسى، مىڭ – چىڭ رومانلىرىغىچە، ‹‹گېسار شاھ ھەققىدە قىسسە››، ‹‹ماناس››تىن ‹‹جاڭغىر داستانى››غىچە، 4 – ماي ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان بۈگۈنگە قەدەر ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە داڭلىق ئەدىبلەر ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە مول مەدەنىيەت ئوزۇقلۇقى قالدۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا مەدەنىيىتىگىمۇ زور تۆھپە قوشتى.

  تارىخ ۋە رېئاللىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھەر بىر قېتىم تارىخنىڭ مۇھىم پەيتىگە كەلگەندە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلار دۆلەت تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە خەلققە كۈچ – مەدەت بەردى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەم ئۆز يىلتىزىنى ساقلاپ، ھەم ئۈزلۈكسىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە قەتئىي مىللىي ئىشەنچ ۋە زور ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلىپ، ئورتاق ھېسسىيات ۋە قىممەت، ئورتاق ئارزۇ ۋە روھنى يېتىلدۈردى.

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى بولمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىمۇ بولمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ماددىي كۈچمۇ، شۇنداقلا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچمۇ بولۇشى كېرەك. ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئاكتىپ يېتەكچىلىكى بولمىسا، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسى زور دەرىجىدە بېيىمىسا، مىللىي روھ ئۈزلۈكسىز كۈچەيمىسە، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.

  ئەدەبىيات – سەنئەت دەۋر تەرەققىياتىنىڭ بۇرغىسى، ئۇ بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىگە ئەڭ كۆپ ۋەكىللىك قىلالايدۇ، دەۋرنىڭ كەيپىياتىغا ئەڭ ياخشى يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. ‹‹ئەدەبىيات دەۋرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئوخشىمىغان ئەدەبىيات ژانىرلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى دەۋرنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ››. ياۋروپادىكى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىدە، ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى دانتې، پېترارك، داۋىنچ، راففېل، مىكېلانجېلو، سېرۋانتېس، شېكىسپر قاتارلىق زاتلار دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى يورۇتتى. ئېنگلىس ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالغاندا: بۇ ‹‹گىگانتلارغا موھتاج شۇنداقلا گىگانتلار بارلىققا كەلگەن دەۋر تەپەككۇر ئىقتىدارى، قىزغىنلىق ۋە خاراكتېر جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن، مول بىلىملىك گىگانتلار دەۋرى››، دېگەن. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، ئەدەبىيات – سەنئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلانغان. چىن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، دۆلىتىمىزدە بارچە ئېقىملار بەس – بەستە سايراشتەك گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالغان. 20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ‹‹4 – ماي›› يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىدە، ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ھەرىكىتىدە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

  ھازىر پۈتكۈل پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرمەكتە. ‹‹ئىككى 100 يىللىق›› كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۈشكۈل ئۇلۇغ ئىش. ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھقا موھتاج. بۇ ئۇلۇغ ئىشنى روياپقا چىقىرىشتا ھېچقانداق نەرسە ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر نى – نى ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئورنى ۋە رولىنى، ئۈستىگە ئالغان تارىخىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ يۈكسەكلىكتە تونۇشى كېرەك.

  لۇ شۈن ئەپەندى: خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشتە ئەدەبىيات – سەنئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، دېگەن. مەنىۋى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، مەنىۋى تۈۋرۈكنى تىكلەش، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىشتا ئەدەبىيات – سەنئەتتىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. دۆلىتىمىز زېمىنىدا ئېسىل، ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ يازغۇچىلىرى، سەنئەتكارلىرى دەۋر كەيپىياتىنى ئالدىن سەزگۈچىلەر، ئالدىدا ماڭغۇچىلار، ئالدىن تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ۋىجدانلىق، ئەخلاقلىق، قىزغىن بولۇش تەكىتلىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ۋە خاتىرىلەپ، ئېتىقاد گۈزەللىكى، ئالىيجاناب پەزىلەتنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى جۇشقۇن روھ بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر