باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە قاتنىشىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى توختىماي ئۇرغۇتۇش كېرەك

2015.10.20 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك «مەملىكەت بويىچە پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى»گە قاتناشتى ۋە باش تېمىلىق كۆرگەزمە رايونىنى تەكشۈردى.

  يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ مەركەزلىك ئۇلىنىشىنى سۇپا بىلەن تەمىنلەش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن بۇ يىلدىن باشلاپ «مەملىكەت بويىچە پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. بۇ مەزگىلدە بېيجىڭ، شېنياڭ، شاڭخەي، خېفېي، ۋۇخەن، شېنجېن، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەردە تۈرلۈك شەكىلدىكى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  لى كېچياڭ جۇڭگۈەنسۈن پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى باش مەيدانىغا كېلىپ، بېيجىڭ، لىياۋنىڭ، شاڭخەي، ئەنخۇي، خۇبېي، سىچۈەن، شەنشى، شېنجېن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ۋە پىلانى ئايرىم شەھەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سىندا دوكلات بېرىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئائىت ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. بەش نەپەر ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق ياراتقۇچى سەھنىگە چىقىپ قول ئىشارىسى بىلەن «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» پائالىيىتى ھەپتىلىكىنىڭ بەلگىسىنى چىقاردى. لى كېچياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھازىر يېڭى نورمال ھالەتكە قەدەم قويۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە كونا، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزگىرىشىدەك ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك، بۇ يىلقى دۇنيا ئىقتىسادى تۆۋەن ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرى داۋالغۇپ تۇرغان ئەھۋالدا ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادى %6.9 ئېشىپ، %7 ئەتراپىدا بولدى، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى بولدى، بۇنىڭدا «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» مۇھىم تايانچ رول ئوينىدى. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ تەبىئىي بايلىققا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشىدىن ئادەم كۈچىگە تايىنىشىغا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر