باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

جۇڭگو-ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى ئورتاق ئېچىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىمىز

2015.10.19 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئويغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-ئۆكتەبىر رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  سوئال: سىز پات ئارىدا ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەنسىز. ئىگىلىشىمىزچە، ئەنگلىيە خان جەمەتى ۋە ھۆكۈمىتى سىزنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىم زىيارىتىڭىزگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن ھەم ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغان. سىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولغان، ئەنگلىيە سىزگە قانداق تەسىرلەرنى قالدۇرغان؟ ئەنگلىيەدە 20 نەچچە يىلدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زىيارىتىڭىزدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز؟ بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ بەزى ئەنگلىيەلىكلەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ياخشىچاق بولۇشقا ئالدىرىسا، ئەنگلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشكە قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلماقتا.

  جاۋاب: مەن 1994-يىلى لوندون، ئوكسفورد، گلاسگوۋ، ئېدىنبورگ قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان. ئاشۇ قېتىمقى زىيارەت ماڭا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان، بولۇپمۇ، ئەنگلىيەنىڭ ئۇزاق تارىخى، ئۆزگىچە مەدەنىيەتى، دوستانە خەلقى، گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

  مەن بۇ قېتىم ئايال پادىشاھ ئىلزابىت IIنىڭ تەكلىپىگە بىنائەت ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن، ئەنگلىيە رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى ساھەدىكى دوستلار بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات بۈيۈك پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئەنگلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە خەرىتە سىزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قوشۇپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى ئورتاق ئېچىشقا ئىنتىزامەن.

  بۇ يىل جۇڭگو-ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككىنچى 10 يىلىنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېينكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم پۇرسەتكە يۈزلەنمەكتە. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزا دۆلىتى، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق. مەن بۇلتۇر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىدا زىيارەتتە بولغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو-ياۋروپا ئارىسىدا تىنچلىق، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئبارەت تۆت ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىردەك كېڭەشكەن. جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى تەرەققىياتنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قوشىدىغانلىقى، جۇڭگو-ياۋروپا ئارىسىدىكى تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر