باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىق ئىدارىسى 60 يىلدىن بۇيان بايقىغان قېزىلما بايلىقلارنىڭ قىممىتى 64 تىرىليون يۈەنگە يەتتى

2015.10.21 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ 20-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى قۇرۇلغان 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە قېزىلما بايلىق ئىدارىسى 60 يىلدىن بۇيان، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش تۈرىدىن جەمئىي 5000دىن ئارتۇقنى يولغا قويغان، جەمئىي بايقىغان ۋە باھالانغان كان 4000 دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى ۋە ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى كان 75. زاپاس مىقدارى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان كانلارنىڭ ئىچىدە، سەككىز خىل بايلىق زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 1-ئورۇندا تۇرغان، 63 خىل بايلىق زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 10- ئورۇندا تۇرغان، قېزىلما بايلىقنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىسادىي قىممىتى 64 تىرىليون يۈەنگە يەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىشقا تەستىق سالدى.

  خۇاڭ ۋېي تەستىقىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە -قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى 60 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد گېئولوگىيە خادىملىرى كان ئىزدەش خىزمىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، بايلىق چارلاش -ئېچىش، ئاساسىي پەن- تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى قۇرۇلغىنىغا 60 يىل بولغان پەيتتە، شىنجاڭ گېئولوگىيە -قېزىلما بايلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان نەچچە ئەۋلاد گېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيە چارلاش خىزمىتى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، شىنجاڭنى بايلىق چوڭ رايۇندىن بايلىق مول رايۇنغا ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە گۈللەندۈرۈش، ئېچىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر