باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەن دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى ئېچىۋېتىلدى

2015.10.21 16:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8- نۆۋەتلىك ئالتۇن توغراق ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى 18 - ئۆكتەبىر پوسكام ناھىيەسىدە باشلاندى، شۇ كۈنى پوسكام ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان يەكەن دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. بۇ پوسكام ناھىيەسىنىڭ «سۇ شەھىرى، باغچىلاشقان شەھەر، ياشاشقا ئەڭ مۇۋاپىق جاي» بولۇشقا يۈزلىنىشىدىكى قۇتلۇق قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

  يەكەن دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى پوسكام ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە 15 كىلومېتىر كېلىدىغان تىزناپ دەرياسى بويىدا بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 2050 گېكتار كېلىدۇ. 2013 - يىلى 1 - ئايدا يەكەن دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنى قۇرۇش رەسمىي تەستىقلانغاندىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىك، شەھەر، يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش پىلانى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزدى ھەم ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ئۈچ يىل قوغداش ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئارقىلىق ھازىر پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندۇردى.

  ئىگىلىشىمچە، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %38 بولۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ كۆلىمى 70 مىڭ مودىن ئاشىدىكەن. ھازىر بۇ سۇلۇق يەرنىڭ 30 مىڭ موسى يەكەن دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا تەۋە بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر