باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ غەمخورلۇقىدا «ئانارلىق» ياشانغانلار پاراۋانلىقى فوندىغا 2 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىندى

2015.10.21 16:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئانارلىق» ياشانغانلار پاراۋانلىقى فوندىغا پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمى 13 - ئۆكتەبىر چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى توپا كەنتىدىكى ئانارلىق باغدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل ئەھمەد پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  مۇراسىمدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر بىرلەشمىسى «ئانارلىق» ياشانغانلار پاراۋانلىقى فوندىغا 2 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، توپا كەنتىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە مەدەت بەردى.

  «ئانارلىق» ياشانغانلار پاراۋانلىقى فوندى چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئەلئارا تەشكىلات بولۇپ، ساخاۋەتچى كارخانىلار ۋە ساخاۋەتچى كىشىلەر ئىئانە قىلغان پۇل فوندنىڭ كېلىش مەنبەسى قىلىنغان. فوند مەبلىغى يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىغا ئامانەت قويۇلۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن، فوند مەبلىغى چىقىم قىلىنماي، ئۇنىڭ ئۆسۈمى يىلدا بىر قېتىم توپا كەنتىدىكى 60 ياشتىن ئاشقانلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

  پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، ئىسمايىل ئەھمەد خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى قوللىغان ھەر ساھەدىكى ساخاۋەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى ئارقىسىدا، خوتەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھەر مىللەت كادىرلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ھاللىق سەۋىيەگە بالدۇرراق يېتىپ، خوتەننىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى؛ ھەر مىللەت ئامما مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا ھازىرقى ياخشى ۋەزىيەنى قەدىرلەپ، دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم بەرگەن كىشىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر