باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار موسكۋادا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولۇپ، پۇتىن بىلەن ئۇزاق ۋاقىت سۆھبەتلەشتى

2015.10.22 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى 21-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار 20-ئۆكتەبىر كەچتە رۇسىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇزاق ۋاقىت سۆھبەتلەشتى. بۇ 2011-يىلى سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان باشارنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن باشار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، خەلقئارا تېررورچىلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى كونترول قىلىپ، رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان خادىملىرى ئىچىدە تەخمىنەن 4 مىڭ كىشى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىلىرىگە ئىگە بولۇپ كالىسى يۇيۇلغاندىن كېيىن رۇسىيەدە پەيدا بولۇشىغا يول قويمايدۇ دېگەن.

  باشار رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە بەرگەن غايەت زور ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر