باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»نى بېسىپ تارقاتتى

2015.10.22 13:14        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مىزان» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2010 - يىلى 1 - ئايدا بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىگە دائىر بىر قانچە مىزانى» پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مىزان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماس كەلمەي قالغانلىقتىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «مىزان» دا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش بىلەن پارتىيەنى ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پاك - تەلەپچان بولۇش ئاساسىي تېمىسى زىچ چۆرىدىلىپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، ئاساسىي مەقسىتى، ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلى تەكىتلىنىپ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۇ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى تۈنجى ئىجابىي تەشەببۇستا چىڭ تۇرۇلغان، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلەنگەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان مۇھىم ئۇللۇق قانۇن - بەلگىلىمىسى، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا كۆرەلەيدىغان يۇقىرى ئۆلچەمنى قويۇپ، كوممۇنىسىتلارنىڭ ئالىيجاناپ ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىزان» نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك تەلەپلەرنى پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كۆڭلىگە چوڭقۇر ئورنىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بويىچە پاك - تەلەپچان بولۇش ئۆلچىمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك.

  پارتىيە ئەزالىرى پارتىيىۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، ئىستىلىنى ساقلاش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق، پاك - تەلەپچان بولۇش ئۆلچىمىنى ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈپ ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، غايە - ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت «يۇقىرى چېكى» دە چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك - دىيانەتلىك بولۇش سىياسىي ماھىيىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: «مىزان» 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىگە دائىر بىر قانچە مىزانى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كوممۇنىزم غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېتىقادىنى قەتئىي چىڭىتىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالىيجاناپ ئەخلاق - پەزىلەتنى ئاڭلىق يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى تىرىشىپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاك - تەلەپچان بولۇپ، نازارەتنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش ئۆلچىمى

  1 - ماددا دۆلەت مەنپەئىتى بىلەن شەخسىي مەنپەئىتىنى ئېنىق ئايرىش، دۆلەت مەنپەئىتىنى شەخسىي مەنپەئەتنىڭ ئالدىغا قويۇش، ئۆز نەپسىدىن ۋاز كېچىپ، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش.

  2 - ماددا پاك بولۇپ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش، پاك بولۇپ، ئىشنى پاكىز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.

  3 - ماددا ئىقتىسادچىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىق، جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، ئاددىي - ساددا بولۇش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش.

  4 - ماددا جاپا - مۇشەققەتتە ئالدىدا، راھەت - پاراغەتتە كەينىدە تۇرۇش، خالىس تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش ئۆلچىمى

  5 - ماددا مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇش، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ماھىيىتىنى ئاڭلىق ساقلاش.

  6 - ماددا ھوقۇق ئىشلىتىشتە پاك بولۇش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئاڭلىق قوغداش.

  7 - ماددا ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە پاك بولۇش، ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسىنى ئاڭلىق ئۆستۈرۈش.

  8 - ماددا ئائىلىنى تۈزەشتە پاك بولۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئاڭلىق تىكلەش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر