باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2015.10.22 13:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2003 - يىلى 12 - ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى» پارتىيە نىزامنامىسى ۋە باشقا پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ نىزام پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش يېڭى ئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا تولۇق ماسلىشالمىغاچقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ «نىزام» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش ۋە ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازالاش تەلىپىنى چۆرىدەپ، سەلبىي تىزىملىك تۈزۈپ، قائىدە ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى رەت قىلالمايدىغان تۆۋەن چەكنى بەلگىلىدى. بۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قائىدە - نىزاملارنىڭ نوپۇزى، قەتئىيلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەنى، فاڭجېنى، سىياسىتى، قارارى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ ۋە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەلىك كادىرلارغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، «نىزام» نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قەلبىگە ئورنىتىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى مەڭگۈ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرنى چىڭىتىش ئارقىلىق، باشقا ئىنتىزاملارنى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپا)لىرى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «نىزام»غا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىقتەك ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، زىممىسىگە ئېلىش، ئەستايىدىل بولۇش، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئىنتىزام «تۆۋەن چېكى»نى ساقلاپ، ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپا)لىرى «نىزام»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت مەخسۇس تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر