باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن سۆھبەتلەشتى

جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 21 - ئەسىرگە يۈزلەنگەن دۇنياۋى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى ئېچىشنى قارار قىلدى

2015.10.22 13:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئۆكتەبىر لوندون دوۋنىنگ كوچىسىدىكى باش ۋەزى مەھكىمىسىدە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى 21 - ئۆكتەبىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لوندون دوۋنىنگ كوچىسىدىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم خەلقئارا، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى بويىچە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 21 - ئەسىرگە يۈزلەنگەن دۇنياۋى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ھەم قەدىمىي، ھەم ياش دۆلەت؛ ھەم ئەنئەنىۋى، ھەم زامانىۋى دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىق تېز تەرەققىي قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئون يىلىنىڭ باشلىنىشى، ئىككى دۆلەت ھازىر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق پىلانى تۈزۈپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق شېرىكى بولۇشنى خالىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بىز ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، ئۆزلىرى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ھەمكارلىشىش، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش شەكلىدە ياخشى ھەل قىلىشقا ئورتاق كۈچىشى كېرەك. قارشى تەرەپكە ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئوخشىماسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىپ ئىناق ئۆتۈشى كېرەك.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغاندىلا، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى سىجىل، مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىدۇ. جۇڭگو جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئەنگلىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ غەربتىكى تۇنجى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەت سېلىنما بانكىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇشنى ئويلىشىش قارارىنى قارشى ئالىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ياۋروپا گۈللەندۈرۈش - تەرەققىيات بانكىسىغا قاتنىشىشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كامېرون مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئەنگلىيەدىكى زىيارىتى مول نەتىجىلىك بولدى، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن چوڭ تۈر، ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ غەربنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق شېرىكى بولۇشىنى، جۇڭگو بىلەن پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئىجادىي كەسىپ، ۋىزا بېرىشنى قۇلايلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئەنگلىيە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى پائال مۇھاكىمە قىلدۇ. ئەنگلىيە ھازىر ئىقتىسادنى تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىدە بالدۇرراق بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى قوللايدۇ، ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپ تۈر بويىچە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 21 - ئەسىرگە يۈزلەنگەن دۇنياۋى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلدى.

  ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بېرىش - كېلىش قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيە، ئىقتىساد، مالىيە، مەدەنىيەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى، ئالاقە مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىنى تەرتىپكە سېلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ زىچ ماسلاشتۇرۇپ، «بىرگە بىرنى قوشسا ئىككىدىن چوڭ بولىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ قارىدى.

  ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام بويىچە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا؛ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى قاتلامدىكى ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، بىئودورا ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت كاپىتال بازىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش؛ ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقىنى ساقلاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارا تەرەققىيات، دۇنياۋى ساقلىق ساقلاش ئىشلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ب د ت تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتى،شۇنداقلا ئالاقىدار رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا ئائىت ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشقا شاھت بولدى، بۇ پۇل مۇئامىلە، تاموژنا، يەرلىك ھەمكارلىق، گۈللەنمە كەسىپلەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.شى جىنپىڭ بىلەن كامېرون يەنە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو − ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.شۇ كۈنى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يەنە جۇڭگو - ئەنگلىيە ئىجادىي كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى ھەم ئېمپېرىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر