باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلقنى مەدھىيەلەپ، دەۋرنى كۈيلەيلى

− «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى» ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن

2015.10.22 13:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىدا، مەنىۋى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، مەنىۋى تۈۋرۈك تىكلەش، مەنىۋى يۇرت - ماكان قۇرۇش ھازىرقى زامان ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يۈكسەك بۇرچى؛ جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگو قىممىتىنى تەشەببۇس قىلىش، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى.

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» 19 - ئۆكتەبىر تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىندى. «پىكىر»دە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ مۇھىم روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېتەكچى ئىدىيە، ئىجادىيەت يۆنىلىشى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ روھى، نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش، قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە رەھبەرلىكى قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەدەبىيات - سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەدە، ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت قارىشىنىڭ تومۇرداشلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ھەم كۈچلۈك جۇڭگو ئالاھىدىلىكى بىلەن دەۋر ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يول كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئىجابىي كۈچ ئاتا قىلىندى.

  «دەۋرگە ماس ئەسەرلەرنىڭ شۆھرىتى بولۇر، غەزەل - شېئىرلار ۋەزىيەتكە بېقىپ يېزىلۇر». مەدەنىيەت مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، ئەدەبىيات - سەنئەت دەۋر تەرەققىياتىنىڭ بۇرغىسى. ئەدەبىيات - سەنئەتكە جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندىلا، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيلىقىغا قويۇپ پىلانلىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ مۇھىم قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ھالقىشى، مەدەنىيلىكنىڭ ھەر بىر قېتىملىق يۈكسىلىشىگە مەدەنىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى سىڭگەن. ھازىرقى دۇنيادا مەدەنىيەت ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، تەسىر كۈچى، سۆز ھوقۇقى رىقابىتىدە تەڭداشسىز مۇھىم رول ئوينىدى. كۈنسايىن ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئىسلاھات دەۋرىدە، مەيلى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىدىيە ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش - ئۇيۇشتۇرۇشتا بولسۇن ياكى خەلقئارادىكى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىشتا بولسۇن، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى تەخىرسىز تارىخىي پۇرسەتكە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەش - ئىلگىرىلىيەلمەسلىكتەك دەۋر سىنىقىغا دۇچ كەلدى. «پىكىر» دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ كەلگۈسى نەزەردە تۇتۇلغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش.

  ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتا تۈرلۈك - تۈمەن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ يادروسى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ «يىلتىزى»نى ساقلاش، جۇڭگو روھىنى يېتىلدۈرۈشتۇر. «ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ خىل ئۇسۇل بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل ئامما ئارىسىغا ۋە تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش». روشەن «خەلق قارىشى» سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ماھىيىتى. خەلقنى مەدھىيەلەپ، خەلقنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ھەر قايسى قاتلاملاردا خەلقنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەندىلا، دەۋر قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، قەدىمكى بىلەن ھازىرقى، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭكى بىرلەشتۈرۈلگەن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ. «ئەدەبىيات - سەنئەت روھنى يېتىشتۈرىدىغان قۇرۇلۇش»، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگوغا نىسبەتەن، بىردەك ئىتتىپاقلىشىشتەك ئۇيۇشۇش كۈچى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتەك جەڭگىۋارلىق كۈچىنى كۈچەيتىش ئەزەلدىن بۇنچىلىك تەخىرسىز بولۇپ باقمىغان. ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈچى ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى ئىززەتلەش، ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىشتەك ئاكتىپ كۈچىنى قوزغاپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنىۋى شەجەرىلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈللىنىش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلاپ، يىراق مەنزىلگە يېتەلەيمىز.

  ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتا ۋەزىپە ئېغىر، مۇساپە يىراق. بۇنىڭدا دەۋرگە مۇناسىپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش، ئەخلاقلىق، كەسىپتە پىشقان ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىش ئاساس، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كاپالەت. «بىر دەۋرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئەسەرلەر ئۆلچەم قىلىنىدۇ»، نادىر ئەسەر ئىجاد قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشتىن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تور ئەدەبىيات - سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقىچە، بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشكىچە، ئاندىن ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسى ۋە ئوبزورچىلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىچە، ئاخىرقى مەقسەت كەڭ تارقىلىدىغان، كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەدەبىيات - سەنئەت تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئادەم ھەققىدىكى ئىلىم، ئادەم ھەققىدىكى سەنئەت، كەسىپكارلارغا نىسبەتەن، ياخشى كەسپىي ساپا، ئالىيجاناب پەزىلەت، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ بىرسى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ. ئىدىيە، ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، باشلامچىلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىشنى بىرلەشتۈرگەندىلا، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، مۇھىمى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرگە تايىنىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە بويسۇنۇپ، ھەم ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ھەم تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپتىن تەڭ كۈچ چىقارغاندىلا، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  «دەۋرنىڭ چاقىرىقىنى، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق كېرەك». بىر يىل بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدى كىشىنى ئىلھاملاندۇرغان؛ بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا ئۇچقاندەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، يېپيېڭى قىياپەت بارلىققا كەلدى. ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەزمەن ئۇلۇغ ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، دەۋرگە مۇناسىپ تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك قىممەت يېتەكچى كۈچى، مەدەنىيەت ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر