باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە ئىتتىپاق دۆلەتلەر ھەربىي ئىشلار ئورگىنىنى قۇرماقچى

2015.10.22 13:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شايىگو 21-ئۆكتەبىر، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئورگىنى قۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن قوغداش مېخانىزمىنى ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇ شۇ كۈنى بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2016-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانىنى ماقۇللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار ئورگىنىنى قۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ، ھەمدە مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئىككى تەرەپنىڭ كېيىنكى ھەرىكىتىنى قانداق بېكىتىشىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەھدىتكە ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر