باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىشلىق مۇھاجىرلار خىزمىتى مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 1 - قېتىملىق يىغىن ئاچتى

چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2015.10.22 13:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مۇھاجىرلار خىزمىتى مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 21 - ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى 1 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇردى، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى يەنىمۇ پۇختا، ياخشى ئىشلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.شىنجاڭ چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مۇھاجىرلار خىزمىتى مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى مۇھاجىرلار ئىشلىرى بايلىقىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى سالماق، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك، سىياسىي جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈش، ھېسسىيات جەھەتتە بىرلەشمە دوستلۇق ئورنىتىش، مەدەنىيەت جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە يۆلەش، ئېتىقاد جەھەتتە ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش كۈچىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كۈچەيتىش كېرەك، بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ھىمايە قىلىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار، سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مۇھاجىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ خىزمەتنى ئاكتىپ، سالماق، تەرتىپلىك ھالدا تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلىشى، بولۇپمۇ كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق شىنجاڭنى سىرتقا تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ياخشى نامايان قىلىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشى كېرەك. بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مۇھاجىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، ئەزا ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مۇھاجىرلار خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  مەركەزنىڭ چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەن تيەنشىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شىنجاڭ چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مۇھاجىرلار خىزمىتى مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، جۇرئەت ئىمىن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ( مۇھاجىرلار ئىشلىرى) ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق بەش ئەزا ئورۇن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، 20 ئەزا ئورۇن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر