باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر ئۆمەك باشلاپ ئىراندا زىيارەتتە بولدى

2015.10.22 13:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئىران خوراسان رازاۋى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى رۇشىدىئاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 17 - ئۆكتەبىردىن 19 - ئۆكتەبىرگىچە ئۆمەك باشلاپ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە دوستانە زىيارەتتە بولدى.

  شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىران خوراسان رازاۋى ئۆلكىسى 2008 - يىلى دوستانە ئۆلكە - ئاپتونوم رايون مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سۇلتانفار، مەشخاد شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى، خوراسان رازاۋى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى رۇشىدىئان، مەشخاد شەھىرىنىڭ باشلىقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شۆھرەت زاكىر ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىلھام سابىر بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىران ھۆكۈمىتى يەنە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئالاقىدار كارخانىچىلارنى خوراسان رازاۋى ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈر كېڭىشىشىنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى.

  زىيارەت داۋامىدا، ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو بىلەن ئىران قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، تارىختا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر دوستانە بېرىش - كېلىش قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ساقلاپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق تەشەببۇسى جۇڭگو - ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىراننىڭ، بولۇپمۇ خوراسان رازاۋى ئۆلكىسىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىران يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىران كۆپ يىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈكسەك ئىشەنچ تۇرغۇزۇلدى، كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىقتا، ئىران ھۆكۈمىتى داۋاملىق كونا دوستى جۇڭگو شىنجاڭنى ئالدى بىلەن ھەمكارلىق شېرىكى قىلىپ تاللايدۇ. ئىككى تەرەپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇھىتى ئاستىدا، دوستانە بېرىش - كېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى ھەم بىر قاتار كونكرېت ھەمكارلىق تۈرلىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىراننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن مەشخاد شەھىرى بىرلىشىپ، بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەشكە ھەم يېقىندا ئۇل مۇئەسسەسە، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، شەھەر قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد، ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى كونكرېت ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئوندىن ئارتۇق ساھە باشلامچى كارخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى زىيارەتتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر