باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«پاكلانغان روھ» ناملىق دىراما تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى

2015.10.22 13:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» دىراما ھەپتىلىكىگە قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكى «پاكلانغان روھ» ناملىق دىرامىسىنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، بۇ دىراما 21 - ئۆكتەبىر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا قويۇلۇپ قىزىقارلىقلىقى، تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلىكى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى.

  بۇ دىرامىدا بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا خالىس ياردەم قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتىگە مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بىللە، سودىگەر ئەخەت باينىڭ يۇمۇرىستىك گەپ - سۆزلىرى، ئىش - ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ پۇل ھەممىگە قادىر دەپ قارايدىغانلىقى، قارا قورساق، ئاچكۆزلۈكى، تويلىشىش ۋە ئائىلىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ناچار قىلمىشلىرى ئەپچىللىك بىلەن قامچىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى بەزىبىر نادان كىشىلەرگە ئاچچىق ساۋاق بېرىلگەن. دىرامىنىڭ ئاخىرىدا دوختۇرخانىنىڭ بىر كېسەلخانىسىدا نۇردۇن مۇئەللىم بىلەن بىللە، ياتقان ئەخەت باي نۇردۇن مۇئەللىمنىڭ ئېسىل پەزىلىتى، ئۇقۇمۇشلۇق پەرزەنتلىرىنىڭ مېھرىبانلىقى، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆزىدىكى مەنىۋى گادايلىقنى ھېس قىلىدۇ، پۇلنىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكى، ئىلىم - مەرىپەتنىڭ ھاياتلىقتا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكى، ئادىمىيلىك پەزىلەتنىڭ قىممەتلىكلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، ئىدىيەسىدە بۇرۇلۇش بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوقۇمىغان پەرزەنتىنى ئوقۇتۇش، قىيىنچىلىققا يولۇققانلارغا ساخاۋەت قولىنى سۇنۇش نىيىتىگە كېلىدۇ، ئۇنىڭ روھى پاكلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكى ئۈرۈمچى خەلقىگە ناھايىتى كاتتا بىر سوۋغا ئېلىپ كەپتۇ. قەشقەر شەھىرى قەدىمىي، مەدەنىيەتلىك شەھەر، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن مۇھىم بۆشۈكلەرنىڭ بىرى. ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزدىن مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈف خاس ھاجىبلار مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغان، ھايات كەچۈرگەن، شاھانە ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى ۋە نادانلىقنىڭ تەسىرىدە بۇ شەھەردە بىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىنىڭ بۇنداق نادىر ئەسەرنى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشى رەزىل كۈچلەرگە بىرىلگەن سىگنال. مەن بۇ دىرامىدىن قەشقەردىكى يېڭىلىقلارنى، ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندەك، ئۆزۈمنى خۇددى قەشقەردىكى شۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان تۇرمۇش قاينىمىغا چۆمگەندەك بولدۇم. دىرامىدا ئاكتىيورلار رولنى ئالاھىدە ياخشى ئويناپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى جانلىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەردى. ئەخەت باي نۇردۇن مۇئەللىمنىڭ تەربىيەسى ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ناچار قىلمىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان، مائارىپنى قوللايدىغان ئادەمگە ئۆزگەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا بىر قېتىملىق پاكلىنىش بولدى. بۇ دەل دىرامىنىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقى.

  شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مىرادىل مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن «پاكلانغان روھ» دىرامىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. سەھنىدىكى ئارتىسلارنىڭ دىئالوگ، ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىلىرىدىن تولىمۇ ھۇزۇرلاندىم. بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ قان - تەرىنى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە سەرىپ قىلغان مېھرىبان ئۇستاز نۇردۇن مۇئەللىم بىلەن ھاياتىدا پۇلنىلا دوست تۇتۇپ، ۋاسىتە تاللىماي پۇل تېپىش كويىدىلا يۈرگەن ئەخەت باينىڭ سېلىشتۇرمىسى تولىمۇ جانلىق ئىپادىلىنىپتۇ. ياشاش ئۈچۈن پۇل بولمىسا بولمايدۇ، بىراق ھاياتتا پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەرنىڭمۇ بارلىقى دىرامىدا ناھايىتى ئوبرازلىق ئەكس ئېتىپتۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىن،بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىمنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمنىڭ بىرلىكى، ئىناقلىقى، روناق تىپىشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

  شىنجاڭ ساقچى - ئوفىتسېرلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇسالام ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بىر قىسىم ئاتا - ئانىلاردا قالاق ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرمەي، ئۆزلىرى قىلىۋاتقان كەسىپكە قارىغۇلارچە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش خاھىشى يەنىلا ساقلىنىۋېتىپتۇ. بۇ بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە مەدەنىيەت ئېڭى، مەرىپەت ئېڭى، قانۇن ئېڭىنىڭ يەنىلا ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەن بۇ دىرامىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىز ئۆگەنگەن قانۇن بىلىملىرىمىزنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا توغرا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قانۇندىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس قورال بىلەن قوراللاندۇرۇشىغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنە شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى خەلققە ئېچىپ بەرمەي تۇرۇپ خەلقنى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشكە ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىيەلمەيدىكەنمىز، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەت، پۈتۈن خەلقنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ئىكەن.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى غالىپ ھېكىم مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم «پاكلانغان روھ» ناملىق دىرامىدا دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش، ئۇنى يوقىتىش ۋە چەكلەشنى باش تېما قىلدۇق ھەم جەمئىيەتتىكى ئىجابىي تىپلارنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ ۋە ئۇلارنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدا بالىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ھەقسىز ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى خالىمايدىغان، ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇشنى ئويلايدىغان نادان كىشىلەر يەنىلا مەۋجۇت. شۇڭا بۇ دىرامىنى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر قانچە ناھىيەسىدە قويدۇق. ئاممىنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى. بىز بۇ پائالىيەتتىن قايتقاندىن كېيىن، بۇ دىرامىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى ئويلاشتۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر