باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئەنگلىيەگە زىيارەتكە كەلدى

شى جىنپىڭ ئەنگلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2015.10.20 13:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئۆكتەبىر ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا بېرىپ، ئەنگلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 8:00 لەردە لوندوندىكى خېئاترو ئايرودۇرۇمىغا قوندى. ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ۋەكىلى ۋىسكونت خۇد، دىپلوماتىيە ۋەزىرى خامموند قاتارلىقلار شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەننى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئەنگلىيەلىك ياشلار شى جىنپىڭ ۋە خانىمىغا گۈل تەقدىم قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان. جۇڭگو-ئەنگلىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى مۇھىم تەسىرى كۈچكە ئىگە دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيىتى بار. بۇ يىل جۇڭگو-ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئون يىلىنىڭ باشلىنىشى. جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە، دەۋر تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشىگە مۇۋاپىق. ئەنگلىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۇلۇغ خەرىتىسىنى ئورتاق پىلانلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر