باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى نىزامى» ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2015.10.21 13:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا «كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى نىزامى»نىڭ تۈزىتىلمىسى ھەم ئۇنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى نىزامدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك، نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى ھەر بەش يىلدا جەمئىي ئۈچ ئاي ياكى 550 دەرس سائىتىدىن يۇقىرى تەربىيەلەشكە قاتنىشىشى، باشقا كادىرلارنىڭ تەربىيەلىنىش ۋاقتى ھەر يىلى 12 كۈن ياكى 90 دەرس سائىتىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. بۇندىن باشقا، نىزامدا يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: كادىرلار تەشكىلنىڭ تەربىيەلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى لازىم. ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن تەربىيەلەشكە قاتناشمىغانلىرىغا تەنقىدىي تەربىيە بېرىلىدۇ، ھەتتا تەشكىل تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، كادىرلارنى تەربىيەلەش ئەھۋالى كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ مەزمۇنى ھەم ۋەزىپىگە قويۇش، ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ. بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: بۇ بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەرنىڭ مەقسىتى-مەكتەپلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش، تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، ياخشى مەكتەپ ئىستىلى، ئوقۇتۇش ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش ئورگانلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، كۇرسانتلارنى ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، نىزامغا ئاساسەن، ئالاقىدار تۈزۈم، بەلگىلىمىلەر رەتكە سېلىنىپ ۋە تۈزىتىلىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش تۈزۈم سىستېمىسى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يەنە دەل ۋاقتىدا نازارەت، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نىزامدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر