باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئىككى ئىنستىتۇت ئاپتونوم رايونىمىزدىن 50 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2015.10.21 16:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا بۇ ئىشخانا بىلەن جەنۇب ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى «بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە - ئالەم بوشلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچقۇچىلىق ئىنستىتۇتى بىلەن جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان. «ئۇقتۇرۇش»تا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە - ئالەم بوشلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچقۇچىلىق ئىنستىتۇتى ئۇچۇش تېخنىكا كەسپىگە 15 ئوقۇغۇچى(تولۇق كۇرس)، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتى ئۇچۇش تېخنىكا كەسپىگە 35 ئوقۇغۇچى(تولۇق كۇرس) قوبۇل قىلىدىكەن، تىزىملىتىش ۋاقتى 20 - ئۆكتەبىردىن 20 - دېكابىرگىچە بولىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەندىن خەنزۇ تىلى - يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغان، يېشى 16ياشتىن 20ياشقىچە بولغان (1996 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن كېيىن، 2000 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان)ئوغۇللار بولۇشى كېرەككەن.

  ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قاراماي، غۇلجا، بۆرتالا، ئالتاي، چۆچەك، كورلا،ئاقسۇ، قۇمۇل قاتارلىق شەھەرلەردە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تىزىملىتىشنى خالايدىغانلار مۇشۇ ئورۇنلاردا تىزىملاتسا ياكى جەنۇب ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ تىزىملاتسىمۇ بولىدىكەن. ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 3806952 - 0991، 3804016 - 0991.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر