باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياشلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە تور بېكەتلىرى مۇھىم رول ئوينىشى لازىم

2015.10.21 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەدرىجىي سىڭىپ كىردى، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ياشلار نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بىلىم ئىگىلەش، قەدىر - قىممىتىنى نامايان قىلىش جەھەتلەردە تېخىمۇ قولاي شارائىتقا ئېرىشتى. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئالاقە تورىدا ياشلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئۇچۇرلار كۆپ بولۇش بىلەن بىللە، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان، يامان نىيەتلىك كىشىلەر تارقاتقان زەھەرلىك ئۇچۇرلارمۇ تارقالماقتا. شۇڭا تورغا چىققاندا مۇشۇ نۇقتىلارغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مەن يېقىندا ياشلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە تور بېكەتلىرى قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرنەچچە تور بېكىتى مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدىم.

  «بىلىگيار» تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتئېلى يۇنۇس مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈنلەردە مۇشۇ نەتىجىلەرنى، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەرقايسى تاراتقۇلاردا كۆچۈپ تەشۋىق قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. لېكىن بۈگۈنكى ياشلار ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارغا قارىغاندا توردىن ئۇچۇر ئىگىلەشكە بەكرەك قىزىقىدۇ، كۆپرەك ۋاقتى، زېھنىنى تورغا بېرىدۇ، شۇڭا تور سۇپىلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شانلىق 60 يىلىغا بېغىشلانغان ماقالىلەرنى كۆپرەك بەرسەك، ياشلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىدىن، يۇرتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ياشلارنى يېتەكلەشتە تور خىزمەتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولى تېخىمۇ زور، دەپ قارايمەن.

  «نۇر» تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى نىزامىدىن ۋاھاب مۇنداق دېدى: جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تورنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ياشلار تۇرمۇشتا توردىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، بىز دەل مۇشۇ نۇقتىنى تۇتۇپ، دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان، قايمۇقۇپ قېلىۋاتقان ياشلارغا نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  «چىمبۇلاق» تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى نۇرمەمەت پىدا مۇنداق دېدى: ھازىر تور ئەھلىنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ياشلار ئىگىلەيدۇ. تور بېكىتى خادىملىرىدا كۈچلۈك سىياسىي سەزگۈرلۈك بولمىسا، بۇ زور قوشۇننى توغرا يولغا ياخشى يېتەكلىگىلى بولمايدۇ، بۇ جەھەتتە تور بېكىتى خادىملىرى يېتەكلىنىشكە موھتاج. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ تور خىزمەتچىلىرى بىرلەشمە دوستلۇق ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، بىزنى ھەرقايسى جەھەتتىن يېتەكلەشنى ئويلاشقىنىدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇق، بۇ ئەمەلىيەتتە كەڭ تور ئەھلىنى يېتەكلىگەن بىلەن باراۋەر.

  «ئەپەندىم» تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى مۇزەپپەر مۇنداق دېدى: تور دۇنياسىدىكى ياشلار قوشۇنى بارغانچە زورىيىۋاتىدۇ ھەم مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ، ياشلارنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۇلارغا توغرا ئىدىيە يەتكۈزۈش، خاتا قاراشلىرىنى تۈزىتىشتە تورنىڭ رولى بەك چوڭ. شۇڭا بىز توردىن پايدىلىنىپ، كەڭ ياشلارغا دۆلىتىمىزدىكى ئەۋزەل شارائىت، ئېتىبار سىياسەتلەرنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق يەتكۈزسەك، ئۇلارنىڭ تۇيۇق يولغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. ئازغان ياشلار تور بېكەتلىرىدىكى ساغلام، توغرا يولغا يېتەكلەش رولى كۈچلۈك ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىدە توغرا يولنى تاپالىسا، ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان بولىمىز، بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق.

  «ئىزدە» تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى ئابباس ياسىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشلار ئارىسىدا ئىزچىل كىتاب كۆرىدىغان ئادەت تېخى ئومۇملاشمىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز. ئالاقە تورى پەيدا بولغاندىن بۇيان، ياشلار خالىغان ۋاقىتتا قىزىقىشى بويىچە ئەركىن - ئازادە تورغا چىقىپ، تۈرلۈك مەزمۇنلار بىلەن ئۇچرىشىپ، دۇنيانى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كۆرۈش، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ توغرا نىشان بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولالايدۇ.

  مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدىلا توردىن ئىچكى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەردىكى ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلارنىڭ ھېكايىلىرىنى، خەۋەرلىرىنى كۆپ كۆرەتتىم، ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن باينىڭ بالىسى بولۇشنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى، ھەرقانداق ياش كۆپرەك ئىزدەنسىلا مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندىم، شۇڭا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاللىدىم، تىرىشقانىدىم، ئىشلىرىم ئوبدان يۈرۈشىۋاتىدۇ. شۇڭا ياشلارنى يېتەكلەشتە تورنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ياشلارنى تور ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن زور.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر