باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى

2015.10.22 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابباس 21-ئۆكتەبىر زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون بىلەن كۆرۈشكەندە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېزدىن پەلەستىنلىكلەرنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئابباس بان كېمون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلار مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، پەلەستىنلىكلەر زوراۋانلىق ۋە كوللېكتىپ قىرغىنچىلىققا يولۇقماقتا. ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى تېزدىن قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بان كېمون مۇخبىرلار يىغىنىدا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق ئىستىقبالىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەتلەرنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنى ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ زوراۋانلىق توقۇنۇشنى توسۇشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ۋەزىپە، بۇ نۆۋەتلىك زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى توختىتىپ، تېخىمۇ كۆپ زىيان كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش. ئۇ يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ۋە ئومۇميۈزلۈك يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر