باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەگە بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ۋىزىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۆھلىتى ئىككى يىلغا ئۇزارتىلىدۇ

2015.10.22 13:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 21-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى، 2016 -يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيەگە ساياھەتكە كەلگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋىزىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۆھلىتى 6 ئايدىن ئىككى يىلغا ئۇزارتىلىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئوخشاش ۋىزا بېجىرىش ھەققى بىلەن 10 يىللىق كۆپ قېتىم چېگرىدىن كىرىش ۋىزىسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

  كامېرون مۇنداق دېدى، «جۇڭگو- ھازىر تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان ساياھەت بازىرىمىزنىڭ بىرسى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئەنگلىيەگە كېلىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم».

  ئۇ مۇنداق دېدى،بۇ، ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان ۋىزا بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئەنگلىيە- جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى، ئەنگلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر