باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2015.10.22 14:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 21-ئۆكتەبىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لوندوندىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە ئىجابىي باھا بەردى. ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، زور خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن يەرشارى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئورنىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق نەپكە ئىگە قىلىدىغان جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى باشلاشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگونى ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق شېرىكى قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. بىزمۇ ئەنگلىيە بىلەن بىرگە، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى، جۇڭگو ئەنگلىيە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە ئېچىۋېتىش ۋە كەڭ قورساق بولۇپ، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا، مۇستەقىللىق، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزلىرى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن تىرىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك . ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش ھالىتى بىلەن بىر-بىرىگە مۇئامىلە قىلىپ، ئىناق بىرگە ئۆتۈشى كېرەك. ئەمەلىيەت، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان، تىنچلىقتا بىرگە بولغان، كەڭ قورساقلىق بىلەن بىر بىرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلغاندىلا، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو-جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئەنگلىيەنىڭ شىمالى رايونىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى مۇددالىق قۇرغۇچى تۇنجى غەرب چوڭ دۆلىتى بولغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ياۋروپا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات بانكىسىغا كىرىشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كامېرون مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئەنگلىيەگە قىلغان زىيارىتى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئىككى تەرەپ كۆپلىگەن چوڭ تۈرلەردە، ئىقتىساد سودا كېلىشىمىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، بۇ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. ئەنگلىيە، جۇڭگونىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق شېرىكى بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن پۇل-مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئىجادىي كەسىپلەر، ۋىزا بېرىشنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدۇ. ئەنگلىيە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇشقا پائال قاتنىشىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ بىر يول رامكىسى ئاستىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى پائال كۈچەيتىدۇ. ھازىر ئەنگلىيە ئىقتىسادىنى تەڭشەش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارشى ئالىدۇ. ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ، ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى قوللايدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپلىگەن تۈرلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 21- ئەسىرگە يۈزلەنگەن يەر شارى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى.

  ئىككى تەرەپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيە، ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، ئادىمىيەت، بىخەتەرلىك قاتارلىقلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، خەلقئارا ئىقتىساد پۇل-مۇئامىلىنى تۈزەش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداش قاتارلىق زور خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردىكى ئالاقىلە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرگەندە بىرگە بىرنى قوشقاندا ئىككىدىن چوڭ بولۇشتەك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلىدى.

  ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا قاتناشتى، بۇ، پۇل-مۇئامىلە، تاموژنا، يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلدى. شى جىنپىڭ بىلەن كامېرون يەنە مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر