- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مېركېل ھەر قايسى تەرەپلەرنى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىكە دەۋەت قىلدى
2015.10.22 13:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 21-ئۆكتەبىر كەچتە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ، ئىككى دۆلەت ھەل قىلىش لايىھەسى پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دېدى. ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنى نۆۋەتتىكى پەلەستىن ئىسرائىلىيە رايون ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلدى.
مېركېل يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى. مېركېل مۇنداق دېدى: گېرمانىيە باشتىن ئاخىرى ئىككى دۆلەت قۇرۇشتەك ھەل قىلىش لايىھەسى پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ ھېسابلاپ كەلمەكتە.
پەلەستىن ئىسرائىلىيە رايون بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى يېقىندا تېخىمۇ يامانلاشتى. پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىغىدا داۋاملىق زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بېرىپ تۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر