باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2015.10.21 16:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى مۇنبىرى 20 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇنبەرنى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، بۇ مۇنبەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر ئۈستىدە كەڭ كۇشادە سۆھبەتلىشىشنى باش تېما قىلغان.

  مۇنبەردە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساس قىلىندى، مۇتەخەسسىسلەر 19 - ، 20 - ئۆكتەبىر قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چوڭقۇر تەسىرات، زور نەتىجىگە ئېرىشتى ھەم بىردەك: شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ، بولۇپمۇ مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش بېسىمى زورىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، شىنجاڭنىڭ GDPسى ئۇدا بەش يىل ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، ئىقتىساد تېز راۋاجلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى تېز ياخشىلىنىپ، ساياھەتچىلىك تېز تەرەققىي قىپتۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ئىكەن، دەپ قارىدى.

  شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى شىنجاڭ خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  لى جاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق ھەقىقىي شىنجاڭنى، راۋاجلانغان شىنجاڭنى، ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭنى چوڭقۇر چۈشەندۇق، ھەتتا ئۆزگىرىشلەرگە «ھەيران قالدۇق» دېسەكمۇ بولىدۇ. مەركەزنىڭ روھى شىنجاڭدا ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلىشىپتۇ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، دادىللىق بىلەن نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشپتۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئەلرايىنى ئۇتۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپتۇ. جەمئىيەت قاتلىمى يېڭى تۈسكە كىرىپ، زوراۋان - تېررورچىلارغا زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئېشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئىناق، چىقىشىپ ئۆتىدىغان، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، ئىناق راۋاجلىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەپتۇ.جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاكادېمىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېيلىن شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى توغرىسىدا خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، سىياسىي جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىنى، ئاشكارا ئېلان قىلغان ئىدىيە، قاراشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فاڭ لى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئىنستىتۇتىنىڭ شاۋجياڭى پېڭ گۇاڭچيەن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئالتە مۇتەخەسسىس مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى تىپىك تەجرىبە ۋە نەتىجە قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100دىن كۆپرەك كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر