باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ ئەل» پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئەبەدىي ئەمىنلىكنى داۋاملىق كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرمەكتە

2015.10.21 16:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 - تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشكەن 70 مىڭ كادىر بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىپ، كەڭ - كۇشادە سىردىشىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، يېزا - كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئامال تېپىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، تەرەققىياتنى كۆزلىدى؛ «ئەڭ يىراق ئائىلە»گىچە بېرىپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، لېكسىيە سۆزلەپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈردى؛ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»گىچە كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈردى.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، قەلىبلەرنى مۇجەسسەملىدى

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى قۇمتۇر كەنتىنىڭ «يېرى ئاز، ئاھالىسى نامرات، كىشىلەر قەلبى چېچىلاڭغۇ»بولۇپ، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى بىردىنبىر «ناچار كەنت» ۋە تۇرۇبا سۇيى يەتكۈزۈلمىگەن كەنت ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت كادىرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرۇبا سۇيىنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش تۈرىنى ھەل قىلدى، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئائىلىلىرى ئارىلاش ئولتۇرىدىغان 50 ئائىلىلىك مەھەللە پىلانلىدى.

  كەنتتىكى كۆچەتزارلىقنى ھۆددىگە ئالغۇچى تۇرغۇننىڭ قىزى ئېغىر كېسەل بولۇپ كېسەلخانىدا يېتىپ قالغاندا، كەنتكە چۈشكەن كادىرلار مەملىكەتتىكى تورداشلارنى كەم ئۇچرايدىغان قان ئىزدەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىپ، بۇ قىزنىڭ ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىشىغا ياردەم بەردى... ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، «قىيىنچىلىقى بارلار خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئىزدەش» شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەڭگۈشتەرىگە ئايلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىدىن خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى تامباغ ھويلا كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارغا قارىتا ئاچقان ئائىلە مۇلازىمىتى، گىلەم توقۇش، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ماھارەت يېتىلدۈرۈش كۇرسى كەنت ئاھالىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تۈر ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، «ئۈچ ئەل»پائالىيىتى بويىچە كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدىكى «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان»تۈرلەرنى ئاپتونوم رايون بويىچە كېڭەيتتى. تامباغ ھويلا كەنتىگە ئوخشاش تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى چوڭ - كىچىك كەنت، مەھەللىلەردە نەچچە ئون مىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما تەرەققىيات مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، ھەر دەرىجىلىك كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، كەنتلەردە كەچلىك سىنىپلارنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى باش تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ۋە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى تونۇش» قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىنى، ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

  ئۇلنى چىڭىتىپ، ئاساسنى پۇختىلاش بىرىكمە كۈچى ھاسىل قىلدى

  2 - تۈركۈمدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئۈچ ئەل»پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كادىرلارنى ئۇلنى چىڭىتىپ، ئاساسنى پۇختىلاشتىكى تايانچقا ئايلاندۇردى.

  ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسى قورغان كەنتىدىكى ئۇدا توققۇز يىل پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان ئەخمەت كامال بۇ يىل كەنتنىڭ زاپاس كادىرى قىلىپ بېكىتىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىگە ئىككى ئايلىق تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلدى، يەنە قوشنا ناھىيەدىكى ئىلغار كەنتكە بىر ئاي ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇلدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كەنت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىمۇ ئاشتى.

  قورغان كەنتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۇ يىللىق «مۇرەككەپ، نۇقتىلىق كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىك» بويىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن، زاپاس كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى.

  «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى داۋامىدا، بىر تۈركۈم «نازىر»، «ھاكىم»لار ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، «كەنت ئەمەلدارى»لىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇپ، ئۇلارغا ئۇسۇل، تەجرىبە ئۆگىتىپ، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، مەسئۇلىيەت يۈكلەپ، كەنت دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ خىزمەت ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار كەنت كادىرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئالاقىلىشىپ، ۋەزىپىلەرنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، 2 - تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ بىر گەۋىلەشكەن»، «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن»خىزمەت مېخانىزمىنى، مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا ياردەملىشىپ، پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان قارا كۈچلەرنى يوقىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «نازىر»لار «كەنت ئەمەلدارلىرى»نىڭ ئۇششاق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى، «كەنت ئەمەلدارلىرى» «نازىر»لارنىڭ ماھارىتىنى ئۆگەندى، «ئۈچ ئەل»پائالىيىتى خىزمىتى ئورگان كادىرلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنى چېنىقتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  «بەش ئاچقۇچ» ئارقىلىق ئۆسمە يوقىتىلدى

  ھەر دەرىجىلىك كەنتكە چۈشكەن كادىرلار، دىنغا توغرا ئېتىقاد قىلىشنى، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى يېڭىشنى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى ۋە چەكلەشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  كورلا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن كورلا شەھىرىنىڭ توۋۇرچى يېزىسى توۋۇرچى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ يىل كەنت بويىچە «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»پىروگراممىسى − «ئەسەبىيلىكنى توسۇشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى» باش تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، ئايدا كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى، يىل ئاخىرىدا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى باھالىدى. ھەر مىللەت كادىرلار، كەنت ئاھالىسى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە قارىشىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قائىدە سۆزلەپ، دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ زىيىنىنى بايان قىلىپ، دۇنياۋىلاشقان، زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزلىرىنى تەشۋىق قىلدى ۋە تەربىيەلىدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىدىن گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىدى بازىرى چوزا كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر 3000 پارچىدىن ئارتۇق «دىن ئەسەبىيلىكى پائالىيەتلىرىنىڭ 75 خىل كونكرېت ئىپادىسى»، «مىللەت، دىن بىلىملىرىغا ئائىت 100 سوئال - جاۋاب» مەزمۇنىدىكى كىتابنى بېسىپ تارقىتىپ، دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش مۇداپىئە سېپىنى ئاڭلىق مۇستەھكەملىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى غەربىي يېزا كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت كادىرلىرى ۋە ئامما بىرلىكتە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلدى، بۇ ئارقىلىق كەنتنىڭ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئامما ئارىسىغا سىڭىپ كىرىش يوللىرىنى قەتئىي توسۇش ۋە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش خىزمىتىگە ماسلاشتى؛ خېجىڭ ناھىيەسى يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناھىيەدىكى 461 دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا قوبۇل قىلىشتىن ئاۋۋال، ئەزالارنى ئالدى بىلەن «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، كوپىراتىپ ئەزالىرىدىن قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئىدىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىدىيەۋى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش، مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىش، ئۆرپ - ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلىش، دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە خىزمەتنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەش، زوراۋانلىق - تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش. ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى يۇقىرىقى «بەش ئاچقۇچ»بويىچە، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىسىنى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، كۆڭۈل ئېچىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەنتلەردە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش ئىدىيەسى، زامانىۋى مەدەنىيەت كەيپىياتى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئاممىغا يەتكۈزدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر