باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 100 سان نەشر قىلىنغانلىقى قۇتلۇقلاندى

2015.10.21 16:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ نەشر قىلدۇرغان «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 100 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 16 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ نەشر قىلدۇرغان «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئۇيغۇرچە يېزىقتا نەشر قىلىنىدىغان، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ژورنال بولۇپ، 2005 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 100 سان نەشر قىلىندى، دەسلەپتە «كومپيۇتېر دۇنياسى» نامىدا نەشر قىلىنىدىغان پەسىللىك ئىچكى ژۇرنالنى ژۇرنال مەسئۇللىرى ۋە تەھرىرلىك قوشۇنىدىكى خىزمەتداشلار جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ھازىرقى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىدىكى قابىل ياردەمچىسىگە ئايلاندۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە جاپالىق ئەمگىكىمىز بىلەن بۇ ژۇرنالنى تېخىمۇ رەڭدار، يۇقىرى سەۋىيەلىك قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 17 يىلدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە تور تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ۋە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىدى. شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل يېزىقىدا كومپيۇتېر كەسپىگە دائىر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ماتېرىيالى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.

  تەبرىكلەش يىغىنىغا ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ۋە ئۇيغۇر سوفت شىركىتى، مۇئەللىم شىركىتى، ئۆزخان شىركىتى، ئۆتكۈر بىز شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر