باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ئەمەلدارى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىننى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى

2015.10.20 13:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندىن بۇيان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پەلەستىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشى ئارقىسىدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىدۇ.

  پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەشرەۋى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئىسرائىلىيە ئىگىلىۋالغان پەلەستىن زېمىنىدا تۇغۇلغان ۋە چوڭ بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار ئۆزلۈكىدىن قوزغىغان ئېتىراز بىلدۈرۈش، ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىدىغانلىقىدەك بىر ئېنىق سىگنال بەرمەكچى. ئۆكتەبىردىن بۇيان، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئېلىپ كەتتى، ھازىر 40دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە يەھۇدىيلار نۇقتىلىرىدا ئولتۇراقلاشقۇچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. ئىسرائىلىيە تەرەپدىن توققۇز ئادەم ئۆلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر