باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخسىلەر ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقى كېرەك

2015.10.16 17:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەنزۇچە «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 19-سانىدا جۇڭ زۇيىنىڭ شەخسىلەر ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقى كېرەك دېگەن تېمىدىكى ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەخسىينىڭ ئۆز بېشىمچىلىقىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىپادىلىنىش شەكلى بار، بولۇپمۇ چوڭ قۇرۇلۇشلار، مۇھىم تۈرلەرئورۇنلاشتۇرۇشى، كۆپ سوممىلىق مەبلەغنى ئىشلىتىش ۋە مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلىشتا كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش ئەمەس، بەلكى شەخسنىڭ دىگىنى ھېساب بولىدۇ. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردىن قارىغاندا، بىر قىسىم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىرىكلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى كۆپىنچە ھاللاردا پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىنى بۇزۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشتىن باشلانغان.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: شەخسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى- ھوقۇق مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش بىر مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەرلەر»نىڭ ياخشى باشلامچىلىق قىلىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كەم بولسا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، شەخسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى ھەمدە شەخسىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر