باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيە مۇساپىرلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.10.20 13:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى كاگ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيە مۇساپىلىرىگە داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ جىددىي ياردەملەرنى بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر باشقارمىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كاگ شۇ كۈنى لىۋاننىڭ شىمالىدىكى ئاكار رايونىغا بېرىپ سۇرىيە مۇساپىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ۋە سۇرىيە مۇساپىلىرىنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرگە سۇرىيە كىرزىسىنىڭ لىۋانغا ئېلىپ كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي خىرىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، سۇرىيە كىرزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، لىۋانغا قېچىپ بارغان سۇرىيە مۇساپىرلىرى بىر مەھەل بىر مىليون 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. لىۋان دۇنيا بويىچە مۇساپىرلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ قالغان، ئوتتۇرچە ھەر مىڭ ئادەم ئىچىدە 232 ئادەم مۇساپىر ئىكەن. لىۋان ھۆكۈمىتى سۇرىيە مۇساپىلىرى پەيدا قىلغان يۈكنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالالمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋانغا تېخىمۇ كۆپ ياردەملەرنى بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر