باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

2015.10.19 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 16-ئۆكتەبىر پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ۋە يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى، چۇڭچىڭ يېزا سودا بانكىسى، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پېيىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش سىستېمىسى ۋە جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى گۇرۇھىنىڭ مەسئۇللىرى پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى ۋە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى ئوتتورىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ، سىستېمىلىق خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر، دۆلەت ئىچى، سىرتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ، پۇل سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنىڭ بوش-چىڭلىقىنى ساقلاپ، قاراتمىلىقى ۋە جانلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ئاساسىدا پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان پۇل مۇئامىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر