باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجابىي ئېنېرگىيەنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى كەيپىياتقا تۈرتكە بولايلى

2015.10.21 13:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى 10 -ئاينىڭ 15 -كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان ۋە مۇھىم سۆز قىلغان بىر يىلدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى،«تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىغا يىلتىز تارتىش» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىياتىر، كىنو تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، ئۇسۇل، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، خەتتاتلىق، ئەلنەغمە قاتارلىق ئەدەبىيات سەنئەت ئىجادىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى جانلىق نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللۈنۈشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى نامايەن قىلىپ، كىشىنى جەلپ قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئەدەبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرى چەت ،يىراق تاغلىق رايونلار، يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونلار، يېزا قىشلاق، كان، زاۋۇت، مەكتەپ، چېگرانى قوغداشنىڭ 1- سېپى دېگەندەك ھەممىلا يەرگە بېرىپ، ئاساسى قاتلامدىكى نەچچە مىليون ئاممىغا مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق زوق بەردى. پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇلغان«تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىغا يىلتىز تارتىش» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە روشەن ئالاھىدىلىكلەر ئەكس ئەتتى.

  سىچۈەن، يۈننەن، شىزاڭ قاتارلىق يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونلاردا، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە نەچچە تۈركۈم ھال سوراش ئويۇن قويۇش ئۆمىكى تاغ دەريالاردىن ئۆتۈپ،باھاردەك ئىللىق كەيپىيات يارىتىپ، زېمىننىڭ سىلكىنىشىگە تەسەللى ، يۇرتنى قايتا قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، يىمىرىلمەس روھىي سېپىل بەرپا قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى مۇزىكانتلارنى ئىلى ، قورغاس چېگرا ئېغىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مىللىي مۇزىكا ئېلمىنتلىرىنى قېزىشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى.

  ناخشا ئۇسۇل كېچىلىكى «يىپەك يولىدىكى سەنئەت روھى» قاتارلىقلار نومۇرلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مىللىي ناخشا ئۇسۇلىدىكى يېڭى تەرەققىياتلار تاماشىبىنلاردا نۇرغۇن ھاياجانلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر