- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالتە تارماق دېھقانلارنىڭ سېلىق ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ
2015.10.21 13:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئالتە تارماق دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ «2015-يىلى دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىرى» گە ئاساسەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يېقىندا سەنشى، جېجياڭ، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە دېھقانلارنىڭ سېلىق ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ.
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش بىلەن تەتقىق قىلىش، ئاشكارە تەكشۈرۈش بىلەن يۇشۇرۇن تەكشۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېزا-كەنتلەر، دېھقان ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ھەق يىغىش ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش ۋە ئۇلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىلىشىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ، دېھقانلار، ئائىلىۋىي دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار كوپراتىپلىرى ھەمدە كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ سېلىق ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش ۋە ئۇلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەلەرنى «دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پرىنسىپى» غا ئاساسەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر