باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەدەبىيات - سەنئەتنى خەلققە يۈزلەندۈرەيلى

2015.10.20 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغانىدى. بۇ سۆز ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت قارىشىنىڭ يېڭى نەتىجىسى، يېڭى تەرەققىياتى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي قىممەت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنڭ تۈپ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تارىخىي بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى چىقىش پەللىسىدە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى قىبلىنامە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۈزلىنىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەت ۋە قۇرۇلۇشقا ئاتلىنىپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىلھام ئىزدەپ، ئەڭ ياخشى مەنىۋى ئوزۇقنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا سۇندى.

  ئەدەبىيات - سەنئەت خەلققە ئېھتىياجلىق. خەلق ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ باش مەنبەسىدىكى ئېقىن سۇ، ئۇ خەلقتىن ئايرىلىدىكەن، ئەدەبىيات - سەنئەت يىلتىزسىز دەرەخ، يالغان نالە، روھسىز تەنگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت بازار ئىگىلىكى قاينىمىدا يۆنىلىشىنى يوقىتىپ قويماسلىقى، كىم ئۈچۈن دېگەن مەسىلىدە ئېغىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا، ئەدەبىيات - سەنئەت ھاياتىي كۈچىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ. ھاياتىي كۈچكە تولغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ ھال - مۇڭىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كىشىلەرنىڭ دەرد - ئەلىمى ۋە خۇشاللىقلىرىنى ئەسەرگە سىڭدۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ پۈتمەس - تۈگمەس ئىجادىيەت مەنبەسى. نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش - قىلالماسلىق خەلق ئۈچۈن يېزىش، خەلق ئۈچۈن ھېسسىياتنى ئىپادىلەش، خەلق ئۈچۈن مېھىر - مۇھەببەتنى نامايان قىلىش - قىلالماسلىققا باغلىق.

  خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتكە ئېھتىياجلىق. سوتسىيالىسىتىك ئەدەبىيات - سەنئەت ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسى، ئۇسلۇبى قاتارلىقلارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ ئاشتى. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ھەر ساھە ، ھەر تۈرلىرىدە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق، جانلىق يېزىش ماھارىتى، گۈزەل مېلودىيە، تەسىرلىك ئوبرازلار ئارقىلىق خەلق ياقتۇرىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى شۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، ئىجادىيەتنى ئۆزىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، ئەسەرنى ئۆزىنىڭ پۈت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەڭ ياخشى مەنىۋى ئوزۇقنى خەلققە ئاتا قىلىشى كېرەك. خەلقنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتنىڭ بولۇش - بولماسلىقى، كىمگە مۇھەببەت باغلاش ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. كىمىكى خەلقنى سۆيمىسە، ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  خەلق تارىخنى ياراتقۇچى ھەم تارىخنىڭ شاھىتى، شۇنداقلا تارىختىكى «پېرسوناژ» ۋە تارىخنىڭ «دىراماتورگى». سوتسىيالىسىتىك ئەدەبىيات - سەنئەت خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىمەن، دەيدىكەن، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك تۈپ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەڭ زور ئاكتىپ كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

  ھازىر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرمەكتە. «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم مۈشكۈل ئۇلۇغۋار ئىش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى زىممىسىدىكى تارىخىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، تۇرمۇشقا چۆكۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن دەۋرگە مۇناسىپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر