باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن«پىكىر»نى تارقاتتى

باھا ئسىلاھاتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى يول خەرىتىسى مۇقىملاشتۇرۇلدى

2015.10.16 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۈگۈن «باھا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»(تۆۋەندە «پىكىر»دەپ قىسقارتىلدى)نى ئېلان قىلدى. «پىكىر» دە باھا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2017- يىلىغا كەلگەندە، رىقابەتلىك ساھە ۋە ھالقىلاردا باھا ئاساسەن قويۇۋېتىلىدۇ، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش دائىرىسى مۇھىم ئاممىۋى ئىشلار، جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمىتى، تور خاراكتېرلىك تەبىئىي مونۇپۇل ھالقىلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ؛2020- يىلىغا بارغاندا، بازار باھانى بەلگىلەش مېخانىزمى ئاساسەن مۇكەممەللىشىپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئاشكارا باھا نازارەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە مۇنۇپۇلغا قارشى قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، باھانى تەڭشەش مېخانىزىمى ئاساسەن مۇكەممەلللىشىدۇ.

  «پىكىر»دە نۇقتىلىق ساھە باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت باھانى بېكىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، بازار باھانى باشقۇرۇش ۋە مۇنۇپۇلغا قارشى قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش، ماكرولۇق تەڭشەشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش 18 تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:باھا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، تۆت جەھەتتىكى پىرىنسىپىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، بازار بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، قويۇۋىتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشىتا چىڭ تۇرۇش؛ تۆتىنچى، مۇقىم ۋە ئېھتىيات بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر