باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>مېنىڭ شىنجاڭ ھېكايەم

شاڭخەيدىكى شىنجاڭ «ئەلچىسى» ---بەكرى

2015.10.19 14:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەكرى كۆرۈرمەنلەرگە تونۇشلۇق شىنجاڭلىق يىگىت، ئۇ 12 يىل ئىلگىرى سا بېينىڭغا چوقۇناتتى، ھازىر چوقۇنغۇچىسى بىلەن بىللە پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلالايدىغان بولدى.

  18 يېشىدا بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتۇش ئۈچۈن شاڭخەيگە كەلگەن شىنجاڭلىق بۇ يىگىت ھازىر شاڭخەيلىك كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدىكى «مېھرىبان ئەر»گە ئايلاندى، بەكرى ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن تېلېۋىزور ئېكرانىدا ئۆزگىچە ھايات كارتىنىسىنى ياراتتى.

  شاڭخەيدىكى ۋەيتەندىن باشلانغان ئارزۇ

  9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قاش قارايغان چاغ. بەكرى قولىدىكى ئىشنى ئاران دېگەندە تۈگىتىپ، ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى، ئۇ ۋەيتەندىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئىختىيارسىز ئاستىلاتتى، قاتار - قاتار ئېگىز بىنالارنى، نىئون چىراغلار يورۇتۇپ تۇرغان كوچىلارنى يىراقتىن كۆرگەندە، ئىلگىرىكى ئىشلار ئۇنىڭ ئېسىدىن كەچتى، بەكرىنىڭ ئارزۇسى مۇشۇ يەردىن باشلانغانىدى.

  بەكرى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى بىر قورۇدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئۈچ ياش چوڭ بىر ھەدىسى بار، ئاتا - ئانىسى ئادەتتىكى خىزمەتچى ئىدى. بەكرى مۇنداق دېدى: بوۋامنىڭ نۇرغۇن ئاغىنىسى بار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەينى يىللىرى شىنجاڭغا كەلگەن شاڭخەيلىك زىيالىي ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقىدە شاڭخەيدىن ئىبارەت بىر چوڭ شەھەرنىڭ بارلىقىنى بىلگەنىدىم.

  ئازادە ئائىلە مۇھىتىدا بالىلىق چاغلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزگەن بەكرىنىڭ ۋۇجۇدىغا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھ مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قۇرداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئويناشقا ئامراق ئىدى. بەكرى مۇنداق دېدى: يۇرتتا خېلى ئىناۋىتىم بار، مېنى داخەي، دەپ چاقىرىشىدۇ، ئاتا - ئانامنى ئىزدەيدىغانلارمۇ داخەينىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيى نەدە؟ دەپ سورايدۇ.بەكرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىغا ئوقۇشقا كىرگەن يىلى ھەدىسى شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ سېنارىيەلەشتۈرۈش ۋە رىژېسسورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىندى، كىچىكىدىن سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان بەكرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەدىسىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان دېيىشكە بولىدۇ.بەكرى: «ھەدەم دائىم تىياتىر ئىنستىتۇتىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى» دېدى. ئەينى چاغدا بەكرى ئەدەبىيات - سەنئەتكە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغانىدى.2004 - يىلى ساۋاقداشلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، بەكرى «قارام»لىق بىلەن سەنئەت تۈرىدىكى ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى.«ساۋاقداشلىرىم ماڭا كۆپ نەسىھەت قىلدى، ئىمتىھان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغانىدى، ئون نەچچە كۈن سەرپ قىلىپ بېيجىڭ، شاڭخەيگە بېرىپ سەنئەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئەرزىمدۇ - ئەرزىمەمدۇ؟» −− ئەينى چاغدا بەكرى پەقەت سىناپ بېقىشنىلا ئويلىغانىدى. بەكرىنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە پويىزغا ئولتۇرۇپ، 54 سائەت يول يۈرۈپ بېيجىڭغا كەلگەنلىكى ھېلىھەم ئېسىدە، قارامايدىن باشقا يىراقراق يەرگە بېرىپ باقمىغان بەكرى ئۈچۈن بۇ ئۇنتۇلغۇسىز سەپەر ئىدى. بەكرى يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسى شاڭخەيدە ئوقۇۋاتقان قىزىنى كۆرۈپ كەتمەكچى بولدى. بەكرى ۋەيتەندە كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن مەستخۇش بولۇپ، مۇشۇ جايدا ئوقۇپ قالسام بەك ياخشى بولاتتى، دېگەن خىياللارنى سۈرۈپمۇ ئۈلگۈردى.بەكرى روشەن مىللىي خاسلىقى ۋە تەمكىنلىكى بىلەن يۈزتۇرا ئىمتىھاندا ئوزۇپ چىققانىدى. بەكرى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى، مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئۈچ ئىنستىتۇتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى تاللىدىم».قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇشبەكرى 2004 - يىلى 9 - ئايدا شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئازادە ئوقۇش مۇھىتى، قويۇق سەنئەت كەيپىياتى ئىچىدە، بەكرى كەسىپ جەھەتتە تېز ئىلگىرىلىدى. ئالىي مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا، مەكتەپكە ۋاكالىتەن 5 - نۆۋەتلىك CCTV رىياسەتچىلىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.بەكرى: «مۇسابىقە مەن ئۈچۈن ئۆگەنگەنلىرىمنى نەق مەيداندا نامايان قىلىدىغان پۇرسەت بولدى» دېدى. بەكرى باھالىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا سا بېينىڭنى كۆرگەنىدى. ئۇ: «ئەينى چاغدا شۇنچىلىك ھاياجانلاندىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا چوقۇناتتىم، شۇ چاغدا، سا بېينىڭ بىلەن بىللە پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەرمەنمۇ، دەپ ئويلىغانىدىم».كەسكىن مۇسابىقە ئارقىلىق بەكرى مەملىكەت بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.بەكرى مۇنداق دېدى: «شۇ قېتىملىق مۇسابىقە ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى خىزمەت تاپالىشىمغا ئىشەنچىم يوق ئىدى، چۈنكى رىقابەت شۈنچىلىك كەسكىن ئىدى».مۇسابىقىدىن كېيىن نۇرغۇن ئورۇن بەكرىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلدى، ئۇ ئاخىرىدا قەلب نىداسىغا بويسۇنۇپ، شاڭخەيدە قېلىشنى تاللاپ، شەرق سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا خىزمەتكە چۈشتى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ كۆپ يىللار ئىلگىرىلا چىقارغان قارارى ئىدى.ئەتىگەن سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرۇپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كېلىپ، باش قوشۇش يىغىنى ئېچىش، تېما تاللاش، ئوپېراتورنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىش، ئىستانسىغا قايتىپ كۆرۈنۈشلەرنى تاللاش، تەھرىرلەش، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە ماقالىنى تاپشۇرۇش ... شۇ تەرىقىدە كېچە سائەت بىر - ئىككىگىچە ئىشلەپ، كۈندە تۆت - بەش سائەتلا ئارام ئېلىش بەكرىنىڭ خىزمەتكە چۈشۈپ دەسلەپكى تۆت يىلدا باشتىن كەچۈرگەن ھەقىقىي كەچۈرمىشى ھېسابلىنىدۇ.«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە». 2008 - يىلى ئىستانسا رىياسەتچىنىڭ نەزەرى ئارقىلىق كونا شاڭخەيگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئېكراندا قايتا نامايان قىلىدىغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى «ماڭغاچ سۈرەتكە ئېلىش»نى پىلانلىدى، پىلانلاشتىن تارتىپ كۆرۈنۈشكە ئېلىش ۋە ئاخىرقى تەھرىرلەپ بېكىتىشكىچە، ھەر سان پىروگرامما بەكرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تاماملاندى. بەكرى: «تۆت يىللىق چېنىقىش ئارقىلىق، تېلېۋىزىيەدە تارقىتىشنىڭ ھەر بىر ھالقىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم، بۇنىڭ رىياسەتچىلىك خىزمىتىمگە كۆپ ياردىمى بولدى»، دېدى.بەكرىنىڭ بىلوگىنى ئاچقىنىڭىزدا «سىز ئىنتايىن يېقىملىق، مەن سىزگە ئامراق»، «سىز ئىنتايىن يۇمۇرىستىك»، «باشقىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلالايسىز» دېگەنگە ئوخشاش باھا سۆزلىرىنى كۆرىسىز.رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، تاماشىبىنلار «كىنو - تېلېۋېزىيە لۇغىتى»، «جىننىس جۇڭگو كېچىسى»، «مۇھەببەت رىشتىسى» قاتارلىق پىروگراممىلاردا بەكرىنىڭ يۇمۇرىستىك سىماسىنى كۆرەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن بەكرىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىياسەتچىلىك سالاھىيىتى تەدرىجىي كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.شاڭخەي شەھىرىنىڭ «4 - ماي ياشلار مېدالى» ساھىبى، ئون مۇنەۋۋەر رىياسەتچىنىڭ بىرى ... شاڭخەينىڭ ئاۋاتلىقى 18 ياشلىق بۇ ياشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، ياشلارغا خاس قىزغىنلىق ۋە ئىنتىلىش بەكرىنىڭ ياقا يۇرتتا كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر بۇ قىزغىنلىق ئوتتەك مۇھەببەت ۋە تەمكىنلىككە ئۆزگەردى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ۋە بەدەل تۆلەش ئۇنىڭغا ئىلھام ئاتا قىلىپ، ئۇنى كىشىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە مۇيەسسەر قىلدى. شىنجاڭنىڭ «ئەلچىسى» بولۇشبەكرى ھەر جۈمە كۈنى خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ شاڭخەينىڭ چاڭدې ۋە ئاۋمېن يوللىرىنى ئايلىنىدۇ. ئۇ: «ھەر جۈمە كۈنى بۇ يەر شىنجاڭ بازىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ» دېدى.ئۇ بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەندە، شاڭخەيدىمۇ مۇشۇنداق جاينىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالغانىدى. ئۇ: «بۇ يەرگە كەلسەملا ئۆزۈمنى دۆڭكۆۋرۈككە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن، يول بويىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭلىق» دېدى. بەكرى شاڭخەينىڭ كوچا - كويلىرىنى تەپسىلىي ئايلىنىپ چىققان، ئۇ شاڭخەيگە ئالاقىدار كونا ھېكايىلەرنى رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىش ۋە زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بۇ زامانىۋى ھەم ئاددىي شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ بىر پىروگىراممىلا ئەمەس، بەلكى بۇ زېمىنغا بولغان قىزغىن مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن خاتىرە ئىدى. بەكرى شاڭخەيگە ئوقۇشقا كەلگەندىن باشلاپ بىر مەسىلىگە يولۇقتى، يەنى نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭدىن: سىلەر مەكتەپكە ئاتلىق بارامسىلەر؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورايتتى، بەكرى ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە بېشىنى چايقايتتى. ئۇ: «مەن نۇرغۇن كىشىنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يۈزە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بىر ئاخباراتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كىشىلەرگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈش، تونۇتۇش مەجبۇرىيىتىم بار» دېدى.شاڭخەيدە شىنجاڭنىڭ نازۇ نېمەتلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ، يەنە غەرب ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن شىنجاڭ ئاشپۇزۇللىرىمۇ بار، بۇ جايلاردا پات - پات بەكرىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ: «مەن ئۇ يەرگە تاماق يېگىلى، شۇنداقلا بۇ ئاشپۇزۇللار ئۈچۈن <ئەلچى> بولغىلى بارىمەن» دېدى.مەلۇم بىر ئاشپۇزۇلغا شىنجاڭنىڭ خاتىرە سۈرەتلىرى ئېسىلغان، بۇ سۈرەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى بەكرى ۋە بۇ ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنى شىنجاڭغا بارغاندا تارتقان. ھەر بىر پارچە سۈرەتنىڭ كەينىگە بىر قىزىقارلىق ھېكايە يوشۇرۇنغان، بۇ يەردە مەززىلىك تاماقلارنى يېيىش بىلەن بىللە، ھېكايە ئېيتىش ئاساسىي تېما بولۇپ قالغان. ئۇ ماڭا: «بۇ سۈرەتكە قاراڭ، بۇ ئۈرۈمچىدىكى <1 - ماي> كەچلىك بازىرى» دېدى. سۈرەتتە كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۈرلۈك نازۇ نېمەتلەرنى ساتىدىغان كىچىك يايمىلار تىزىلغان، كوچىغا كىشىلەر پېتىشماي قالغان بولۇپ، تولىمۇ ئاۋات ئىدى. بەكرى مەززىلىك تاماقلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان كىشى بولۇپلا قالماي، يەنە يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى، ئۇ پۇرسەت تاپسىلا، يۇرتىنىڭ مەدەنىيىتىنى پىروگراممىغا سىڭدۈرۈپ كۆرۈرمەنلەرگە تونۇشتۇرىدۇ. بەكرى 2011 - يىلىدىن باشلاپ خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، «جۇڭگو مەدەنىيىتى» پىروگراممىسنى سۈرەتكە ئالدى، بۇ پىروگراممىدا قەشقەردىكى شاڭخەيلىك زىيالىي ياشلار، ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك، خوتەننىڭ كەپتەر كاۋىپى... قاتارلىق شىنجاڭ ئامىللىرى باش تېما قىلىنغانىدى. «يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ باشقا جايدا خىزمەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىمەن» −− شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش بەكرىنىڭ رىياسەتچى بولغاندىن كېيىنكى ئارزۇسىغا ئايلانغانىدى. «بۇ يەرنىڭ خەلقى ئەمگەكچان ۋە ئاق كۆڭۈل، يەرلىكلەر سىزنىڭ باياۋاندىكى قۇياشتىن تەڭ بەھرىلىنىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ... پەقەت سىز خالىسىڭىزلا».بۇ زېمىندا ئۇلار سىزگە «ئەجىبا سىز بىلمەمسىز؟ بۇ يەر دېگەن شىنجاڭ، بىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكان» دەپ تونۇشتۇرىدۇ. «بۇ يەر دېگەن شىنجاڭ» دېگەن ناخشىنى بەكرى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، ئۇ: «2015 - يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان بۇ ناخشىنى ئورۇنلاپ، ناخشام بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمەن» دېدى. مەيلى شاڭخەينىڭ مەدەنىيىتى بولسۇن ياكى شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئارىلاش مەدەنىيىتى بولسۇن، بەكرى ھەممىنى بېرىلىپ ئۆگىنىپ، ئۇنى تارقاتتى، ياش يىگىتتىن قىران ئەر بولغۇچە بەكرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا شىنجاڭ ۋە شاڭخەيگە بولغان مېھىر - مۇھەببەت سىڭدى، يۇرتى شىنجاڭ ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر