باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرىنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچكۈچ ۋە ئەخلاقىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ليۇ يۈنشەن 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى

2015.10.19 14:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى سۆھبەت يىغىنى 13 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەنتەنىلىك تەقدىرلەش سوتسيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىلگىرىلەشتەك روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى −− ئەخلاققا باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرى. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى مىليونلىغان ئاممىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش، ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولۇشتەك قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىلللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى، دەۋرنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق روھ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەخلاقىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى. ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىدا مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش ۋە تەقدىرلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى نامايان قىلىنغان، شۇڭا، ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى دەۋرنىڭ قەھرىمانلىرى، جانلىق قىممەت قارىشى. ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا، بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تىكلەش بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەخلاققا رىئايە قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا تەقدىرلەش قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ۋاڭ فۇچاڭ قاتارلىق 62 يولداشقا 5 - نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى، لياۋ لىچۈن قاتارلىق 265 يولداش 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى، يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پېنسىيۇنېرى گاۋ دېرۇڭ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى، «ئەنگاڭ» گۇرۇھى كانچىلىق شىركىتى «چىداشەن» تۆمۈر كېنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئىشخانىسى قېزىش مەيدانىنىڭ تاشيول باشقۇرغۇچىسى گو مىڭيى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى، دېڭىز ئارمىيەسى داليەن ھەربىي پاراخوت ئىنستىتۇتى كۇرسانتلار لۈيى 145 - ئەترىتىنىڭ كۇرسانتى گۇەن دۇڭ «5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ تەشەببۇسنامىسى»نى ئوقۇدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر