- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىر مۇساپىرلار كېمىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 15 ئادەم يوقاپ كەتتى
2015.10.22 15:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 21-ئۆكتەبىر دېيىشىچە، بىر مۇساپىرلارنى توشۇغان كېمە شۇ كۈنى ئافېنانىڭ شەرقى جەنۇبىغا تەخمىنەن 260 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ساموسى ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 15 ئادەم يوقاپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتا كېتىۋاتقان تۈركىيەنىڭ بىر بېلىقچىلىق كېمىسى 16 ئادەمنى قۇتقۇزۋالغان. 31 كىشى ئامان قالغان. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر