باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىككە چېتىلىدىغان 163 مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2015.10.19 14:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى يېقىندا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ئامما ئەتراپىدىكى «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىككە چېتىشلىق 163 مەسىلە ۋە بۇ مەسىلىلەرگە چېتىشلىق كىشىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ، مەزكۇر تور پونكىتىنىڭ ئۇدا تۆت ئاي ئامما ئەتراپىدىكى «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى.

  بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ - ئىچىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇل ۋە قوشۇمچە پۇل تارقىتىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىش، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغلارنى كاتتا ئۆتكۈزۈش، ئۆز ئالدىغا «كىچىك خەزىنە» تەسىس قىلىش، «يېيىش، ئېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش»، قائىدىگە خىلاپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە كارخانا قۇرۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، ئومۇمنىڭ پۇلىنى شەخسىي ھېساباتىدا ساقلاش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ئاساسىي قاتلامدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەكتە، ئاممىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان ئىنكاسى كۈچلۈك بولماقتا. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، ناچار ئىللەتلەرنى يوشۇرماسلىقىمىز ۋە قوغدىماسلىقىمىز، تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بايقىشىمىز ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشىمىز، كۈچلۈك سىگنال تارقىتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، جايلارنىڭ ئامما ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان «تۆت خاھىش» ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر