باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە زەرەتلەش ۋە باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن 12 مىڭى قۇرۇلۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى زەرەتلەش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

2015.10.19 14:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلغان ئېلېكتىروموبىل(توكلۇق ئاپتوموبىل)نى زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە قۇرۇلۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزدە ئاپتوموبىل بىلەن زەرەتلەش تۈۋرۈكى بىرلەشتۈرۈلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلۇپ، 12 مىڭ زەرەتلەش ۋە باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى 5 مىليون يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى زەرەتلەش تەلىپىنى قاندۇرىدىكەن.

  گوۋيۈەن تارقاتقان «ئېلېكتىروموبىللارنى زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، يېڭىدىن سېلىنىدىغان مەھەللىلەردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسىدە زەرەتلەش ئەسلىھەسى قۇرۇلىدىكەن ياكى ئورۇن قالدۇرۇلىدىكەن، ئاپتوموبىل توختىتىدىغان مۇقىم ئورنى بار كىشىلەر زەرەتلەش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىشتا ئىمتىيازغا ئېرىشىدىكەن، ئاپتوموبىل توختىتىدىغان مۇقىم ئورنى بولمىغان كىشىلەرگە ئاممىۋى زەرەتلەش ئورنى تەسىس قىلىپ بېرىلىدىكەن.

  دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇڭ گۇاڭيى مۇنداق دېدى: ئېلىمىز 2020 - يىلىغىچە مەركەزلەشتۈرۈپ زەرەتلەش، باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن 12 مىڭنى، تارقاق زەرەتلەش تۈۋرۈكىدىن 4 مىليون 800 مىڭنى قۇرىدۇ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنى زەرەتلەش پونكىتىدىن 3850نى، تاكسى باتارېيەسىنى ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن 2500نى، مۇھىت ئاسرايدىغان ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىللىرىنى مەخسۇس زەرەتلەش پونكىتىدىن 2450نى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرى ۋە شەخسىي ئاپتوموبىللارغا مەھەللە ياكى ئىدارىلەردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىدا زەرەتلەش تۈۋرۈكى قۇرۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، شارائىتى يار بەرگەن ئەسلىھەلەرنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

  ئېلىمىزدە ھەر خىل ئېلېكتىروموبىل 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرى 120 مىڭغا يەتتى، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىلىش مىقدارىنىڭ 320 مىڭدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. يۈرۈشلەشكەن زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى كۈنسايىن زورايماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر