باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

9-ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %1.6 تۆۋەن بولدى

2015.10.19 14:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 9 - ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئۆرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ %1.3 ، يېزا ئاھالىسىنىڭ %1.6 ئۆرلەپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىدىن %1.6 تۆۋەن بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە 19 - ئورۇندا بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى بىر قەدەر مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى.

  9 - ئايدا 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تۇرپان، ئىلى، ئاقسۇ، بايىنغولىن، قۇمۇل، تارباغاتاي قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. 9 - ئايدا يېمەكلىك باھاسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %0.8 ئۆرلىگەن بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىگە 0.3 پىرسەنت پوئېنت تەسىر كۆرسەتكەن. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدە، بەزىلىرىنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، بەزىلىرىنىڭ ئازراق ئۆرلىگەن.

  9 - ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، 8 - ئايدىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان. ئاپتونوم رايونىمىزدا تېرىلغان كۆكتاتلاردىن ئاز ھوسۇل ئېلىنغاچقا، بازارغا سېلىنغان يېڭى كۆكتاتلارنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆسكەن؛ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن بازارنى تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، باھا سەل تۆۋەنلىگەن، بولۇپمۇ كالا، قوي گۆشىنىڭ تۆۋەنلىشى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ئىچىدە، تاماكا باھاسى %8.5، ساياھەتچىلىككە چېتىلىدىغان باھا %4.5، كىيىم - كېچەك ۋە تۇرالغۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى %4.3 ۋە %2.1 ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئاساسلىق تەسىر كۆرسەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر