باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى

2015.10.15 13:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بىرگە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ياپونىيە ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ياماگۇچى ناتسۇئو جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن 13-ئۆكتەبىر يولغا چىقتى. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ياماگۇچى ناتسۇئو باش ۋەزىر ئابې شىنزونىڭ خېتىنى ئېلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن، زىيارەتتىن مەقسەت ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئىكەن.

  ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسنىڭ 13-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: ياماگۇچى ناتسۇئو جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۇي، سابىق دۆلەت كومىسسارى تاڭ جياشۇەن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئابې شىزونىڭ خېتىنى تاپشۇرىدىكەن. ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، باشلىقلار سۆھبىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ تېگىشلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر