باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى ئاياللارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.10.15 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جىيى 13-ئۆكتەبىر، نۆۋەتتىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا مۇرەككەپ بولۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ توقۇنۇشتا ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىر، يولنىڭ يىراقلىقنى بىلدۈردى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاياللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خەلقئارا مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئاياللار، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا مۇنازىرە ئۆتكۈزدى ھەمدە 2242-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، ئاياللارنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ليۇ جىيى مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت توقۇنۇش بولۇۋاتقان ئالاقىدار دۆلەتلەردە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى پائال ئېلىپ بېرىپ، شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، توقۇنۇشنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاياللارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر