باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتىدە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى:

جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن روھىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەخلاق ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2015.10.14 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ يۈنشەن 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى سۆھبەت يىغىنى 13-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە يۈكسەك ئېھتىرامىنى بىلدۈردى.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش سوتسىيالىستىك ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مول نەتىجىسىنى كۆرسىتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنۇلار تەكىتلىدى: ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئەخلاقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۈلگىسى. تەشۋىقات-ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈنۈمگە ئېتىبار بېرىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگە بولۇش كۈچىنى تىرىليون خەلقنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەخلاققا چوقۇنۇپ، ياخشىلىقنى ياقلايدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەرنى كۆرۈپ ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقى، يېڭى قىياپىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزۈلمەس روھىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەخلاق ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مەنىۋى-مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا بولغان يۈكسەك ئېتىبارىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى دەۋرنىڭ قەھرىمانى، تىرىك بولغان قىممەت قارشى، ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەخلاق نەمۇنىچىسىدىن ئىبارەت «روھىي كان»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلغار، تىپىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىكى ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقنى چۈشىنىدىغان، ئەخلاقنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئەخلاقنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر