باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر

2015.10.16 17:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسى بىرلىكتە «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات -ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى-پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈچى ھېسابلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەشۋىقات كۈچىنى سەپلەشنى بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت قىلىپ، پارتكوم تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئاخبارات، تەشۋىقات جامائەت پىكىرى يېتەكچىلىكى، تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيە، سىياسىي خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەت ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇتۇشتەك فۇنكسىيەلىك تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: توردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇر تورى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ قاتارلىق يېڭى تارقىتىش ۋاسىتىسى مەشغۇلات تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىشىنى تەشۋىقات ئىدىيىۋى خىزمىتى قوشۇنىنىڭ زۆرۈر ئىقتىدارى قىلىپ، «تور سۆزى ۋە تور تىلى»دىن پايدىلىنىپ، تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا قاتنىششىتەك ئىقتىدارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى پارتكوم ۋە تەشۋىقات، مائارىپ خىزمەت تارماقلىرى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات -ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئەھۋالىنى ئالىي مەكتەپلەرنى كۆزىتىش ۋە يىللىق باھالاشقا كىرگۈزۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر