باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن كوجىما ياسۇيو بىلەن كۆرۈشتى

ياپونىيەلىك دوست «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى تەرىپلىدى

2015.10.19 14:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 14 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ياپونىيەلىك دوست، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى كوجىما ياسۇيو بىلەن كۆرۈشتى.

  70 ياشتىن ئاشقان كوجىما ياسۇيو جۇڭگو شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى. ئۇ 1982 - يىلى تۇنجى قېتىم شىنجاڭنى زىيارەت قىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 140 نەچچە قېتىم كېلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش، قوغداش، مائارىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

  كوجىما ياسۇيو كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق كاتتا مەرىكىسىگە توغرا كەلدى، بىر ئاي ئىچىدە، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر نەچچە ناھىيە، شەھەرنى زىيارەت قىلىپ، بارغانلا جايدا كىشىلەرنىڭ ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، ھەممىلا جاي بايرام - شادلىقىغا تولۇپتۇ.

  كوجىما ياسۇيو ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقىنىمغا 30 نەچچە يىل بولدى، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەرگە، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇم. كوجىما ياسۇيو ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانات يايدۇرۇلغان «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. مەن بارغانلا يېزا - كەنتلەردە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، شەھەردىن كەلگەن شۇنچە كۆپ كادىر دېھقان - چارۋىچىلار بىلەن بىللە يېتىپ - قوپۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىككە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ، بۇ، كىشىنى تەسىرلەندۇرىدۇ.

  كوجىما ياسۇيو ئۆزىنىڭمۇ «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى بويىچە كەنتكە چۈشكەن ئالتە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ تۈرتكىسىدە سىنغا ئېلىنغان، شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلغان تېلېۋىزىيە ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ كېلەر يىلى ياپونىيەدە قويۇلىدىغانلىقىنى، «شىنجاڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى رەسىملىك لۇغىتى» ۋە ئاتكرىتكا نەشر قىلدۇرغانلىقىنى ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلغان «كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپاتى» نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، سوممىسىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كوجىما ياسۇيو ئەپەندى، سىز شىنجاڭلىقلارنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو - ياپونىيە دوستلۇقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان شەخس. ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ئىشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتىڭىز.

  جاڭ چۈنشيەن كوجىما ياسۇيو ئەپەندىنىڭ «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ۋە تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىغا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلتۇر كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشتەك «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى يولغا قويۇشى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىپ،« خىتابچى، تەشۋىقاتچى، تارقاتقۇچى» لارغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. كوجىما ياسۇيو ئەپەندىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى، بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشىنى كۆپرەك كۆرۈپ، شىنجاڭنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش، جۇڭگو - ياپونىيە خەلقىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بەي جىجيې كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر