باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

2015.10.19 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، تۈزۈمنى چىڭ تۇتۇش، كەيپىيات يارىتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 15 - ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر، تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاغلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل، دەريالىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك، ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا، بوستانلىقلىرىنىڭ مەڭگۈ كۆكىرىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»، «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى كوللېكتىپ ئۆگەندى ھەم «نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تەقسىم قىلىش لايىھەسى»، «مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ۋە «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز بولۇشتەك رايون ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭدا خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشتىكى چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىلى ۋە ئالتايدا ئىككى قېتىم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم مەملىكەت بويىچە «شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىقتىدارى بويىچە رايون ئايرىمىسى»نى ئالدىن تۈزۈپ چىقتى. سۇ بايلىقىنىڭ ئۈچ قىزىل سىزىقى تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەڭرىتاغ، ئالتاي تېغىدىكى تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش ۋە «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى مىليون مولۇق ئېكولوگىيە ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى، تەڭرىتاغ شىمالىي ئېتىكىدىكى يېپىنچا ئورماننى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 45 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفېراسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبە رايونىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش تۈرىدىن 128نى يولغا قويدى. كانلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ ئېلېكتىر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنى ياخشىلاپ، كىچىك تىپتىكى 30 نەچچە سۇ ئېلېكتىر تۈر قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ، بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، قۇملىشىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتىدۇ، بوستانلىق، ئورمانلىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %14.95تىن %23.5كە، شەھەرلەرنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %35.88كە يەتتى. شىنجاڭدىكى دەريالارنىڭ سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەلا بولۇۋاتىدۇ، شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانىنىڭ نىسبىتى%73.4كە يەتتى، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانىنىڭ نىسبىتى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش ئىكەنلىكىنى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلرايىغا مايىللىشىشتىكى ئەمەلىي ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى I دەۋرنىڭ تاللىشى ئىكەنلىكىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىش دۇنيانىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى زور تەدبىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ بەش ھۆججىتىنىڭ ئاساسلىق روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»−ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، «ئىش تەقسىملەش لايىھەسى»−ۋەزىپىلەرنىڭ بۆلۈنۈشى، «ئىسلاھات ئومۇمىي لايىھەسى»− تۈزۈلمە، مېخانىزم كاپالىتى، «مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى» ۋە «نازارەت قىلىش لايىھەسى» −− مۇھىم تۇتقا. مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بەشلەشتۈرۈشتە ماسلىشىش» ۋە «بەشتە چىڭ تۇرۇش» تۈپ پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ۋەزىپە، كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە مۇھىم تۈزۈملەرنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ «ئالتە ئىدىيە»، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» پىرىنپىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «سەككىز چوڭ تۈزۈم»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  نۆۋەتتە، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك: بىرىنچى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ياخشىلاش كېرەك. «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونى يىرىك پىلانى» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرى بىلەن ئەڭ ئىلمىي تەرەققىياتنى ياخشى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، «پاكىز، رەتلىك شىنجاڭ»قۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراش ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ قالغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات چوقۇم مۇھىت ئاسراشقا ئورۇن بېرىشى كېرەك. ئۈچىنچى، بايلىقتىن تېجەشلىك، تەكرار، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پايدىلىنىش شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايلانما ئىقتىسادنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، مۇزلۇق، ئورمانلىق، ئوتلاق، دەريا، كۆل، سازلىق، بوستانلىق ۋە قاقاسلىق قاتارلىق تۈرلۈك ئېكولوگىيە سىستېمىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئاسراپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. بەشىنچى، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنىڭ ئۈچ چوڭ جېڭىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، تۈزۈمنى چىڭىتىش، كەيپىيات يارىتىش كېرەك. قىسقىسى، قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر، تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاغلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل، دەريالىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك، ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا، بوستانلىقلىرىنىڭ مەڭگۈ كۆكىرىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۇەنگو، شۇ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ليۇ شىنچى ۋە مەركىزىي گۇرۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر