باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەمەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرايلى

2015.10.19 14:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 8 - ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتلىگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ شىنجاڭدىكى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆز ۋە يوليۇرۇقلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى»دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى؛ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى يوقلىدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ 30 - سېنتەبىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇ لياڭيىڭ قاتارلىق بەش يولداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ 13 مۇنەۋۋەر ۋەكىلىنى قوبۇل قىلدى؛ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلىدى. بىز تارىخىي بۇرچنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى سەگەكلىك بىلەن ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىرلىكتە يۈكسىلىشنى كۆزدە تۇتقان سەمىمىي ئۈمىدىنى باشتىن - ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ھەم شەكىلگە، ھەم مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىگە ھەقىقىي مايىللاشتۇرۇپ، تۈپتىن ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەمخورلۇقنى قەدىرلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىدىن ئىبارەت نىشاننى، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىدىن ئىبارەت ۋاسىتىنى كۆزلەپ، ھەر بىر ئىشنى توغرا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشمىز كېرەك.

  مەركەزنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىدىكى زور نەتىجىلەر، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىملىقى، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتى، شىنجاڭ خىزمىتىنى تۈپتىن تۈزەش تەدبىرلىرى، كادىرلار ئىستىلى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، كاتتا مەرىكىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى تەتبىقلىشىمىز كېرەك. كاتتا مەرىكىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىر نىيەتتە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە بۇ خىل ئېسىل خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككىدە تىرىشىش» روھى، «ئۇستا»لىق روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر جەھەتتىكى خىزمەت سەۋىيەيىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر