باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.10.15 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ۋە چەت رايونلاردا كەلباغ، تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمىتى بويىچە تولۇقلاش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدىكى ھاڭنى كىچىكلىتىش قارار قىلىندى؛ يېزا ئېلېكتىرون سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭى كەسپلەرنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىسېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تېز يوللانما كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يىتىلدۈرۈش بېكىتىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 14- ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، يېزا ۋە چەت رايونلاردا كەلباغ، تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمىتى بويىچە تولۇقلاش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدىكى ھاڭنى كىچىكلىتىش قارار قىلىندى؛ يېزا ئېلېكتىرون سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭى كەسپلەرنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىسېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تېز يوللانما كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يىتىلدۈرۈش بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەھەر ۋە يېزىلار ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور يوشۇرۇن كۈچ. تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمىتى تولۇقلاش مېخانىزىمىدا ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ۋە چەت رايونلارنىڭ كەڭ بەلباغ قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتتىكى يېتىشسزلىكنى تولۇقلايدىغان، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان،شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش، بازار مېخانىزىمى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يېزا ئېلېكتىرون سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، دۇكان بىلەن ئېلېكتىرون سودىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى بىلەن ئالاقە تورىنىڭ تۆپىلەش ئۈنۈمىنى يارىتىش، ئىستېمال، ئىچكى ئېھتىياج، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى، ئېلېكتىرون سودىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا قوللىنىشىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، يېزا ئېلېكتىرون سودىسى تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئۈچىنچى، ياخشى تور ئىستېمال مۇھىتىنى يارىتىپ، توردا يالغان، ساختا تاۋارلارنى سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمشىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر