باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ قىسمەن ئۆلكە (رايون، شەھەر)لەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىقتىسادىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى يىتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تايىنىپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك

2015.10.16 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13-ئۆكتەبىر قىسمەن ئۆلكە (رايون، شەھەر) لەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىرىشىپ ئالغا ئىنتىلىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تايىنىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ. يېڭى ئېنېرگىيەنى يېتىلدۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا، تيەنجىن شەھىرىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شىڭگو، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى ياڭ شۇڭ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لى شۆيۇڭ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لى چياڭ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لى جىنبىن، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى چېن ۋۇ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى چېن خاۋ ئۆز جايىنىڭ ۋەزىيىتى، پۈتۈن يىللىق يۈزلىنىشكە بولغان ھۆكۈمى ۋە پىكىرلىرىنى دوكلات قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىس كۆپ ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەڭشەش سىياسىتى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بولدى، ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسى ئاشۇردى، جايلار بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، مۇۋاپىق ئورۇندا تۇردى، قىسمەن كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىدىكى ئاساسىي ئامىلنى ئۆزگەرتمىدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئىپادىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولدى، لېكىن مۇقىم ئېشىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقانلار بىلەن چوڭقۇر مۇزاكىرىلىشىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن جايلارنىڭ پىكىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ھازىر كونا، يېڭى ئېنېرگىيە ئالمىشىدىغان قىيىن باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. كونا ئېنېرگىيەنىڭ ئاجىزلىشىشى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى ئاشۇردى، لېكىن يېڭى ئېنېرگىيەمۇ تېز يېتىلىپ، رايون ئىقتىسادىدا بۆلۈنۈش ھاسىل قىلدى. تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقتا ئالغا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ياخشى ۋەزىيەتنى زور كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەپ، تۆۋەنلەش ئامىلىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر